ياتلارنىڭ كەينىدىن كەتسە دىلرابا - ئابدىريىمجان سىدىق

  ياتلارنىڭ كەينىدىن كەتسە دىلرابا
ئابدىريىمجان سىدىق  (مەنزىل )


بىلمىدىم گۇناھمۇ سىنى سۆيگۈنۈم،
سۆيمىدىڭ،ئۆزگىگە كۆڭلۈڭنى بىرىپ.
تەقدىردىن رەنجىشكە ئامالىم قانچە،
مەن سىنى،سەن ئۇنى يۈرەكتىن سۆيۈپ.

سەندىمۇ دەرت تولا ئۆزۈڭگە ئايان،
مىنىڭمۇ دەردىم با يىتىپ ئاشقۇچە.
سۆيگۈنىڭ ئوتلىرى سۆرەيدۇ قايان،
تەڭ كۆيگەن يۈرەكلەر دىدارلاشقۇچە.

مەن ساڭا،سەن ئاڭا،ئاشىق بىقارا،
تاپمىدى شۇ سەۋەپ دەردىم ھىچ داۋا،
تەقدىرگە تەن بىرىپ ياشىماق تەسكەن.
ياتلارنىڭ كەينىدىن كەتسە دىلرابا.





83 قېتىم كۆرۈلدى ئابدىريىمجان سىدىق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-17 21:13:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ