ۋاپاسىز يار - ئىرشات مەمەت

ۋاپاسىز يار

ئىرشات مەمەت

چىن يۈرەكتن سۆيگەنتىم سىنى،
كۆڭۈل بەرمەي ئالدىدىڭ مىنى.
ئالدامچى بوپ ۋاپاسىز بولۇپ
ئۇنتۇپ ھەتتا بەرگەن ۋەدەڭنى،

سۆيدۈم دىسەڭ خۇشال بوپتىمە
ئەتراپىڭدا بولۇدۇم پەرۋانە،
ئىشىنىپ مەن سىنىڭ سۆزۈڭگە
قالدىم ئاخىر يالغۇز يىگانە

خاتا ئىكەن سىنى سۆيگىنىم،
ئىشەنگىنىم ھەتتا كۆيگىنىم
يالغۇزۇم دەپ سىنى چوڭ كۆرۈپ،
پەقەت ساڭا كۆڭۈل بۆلگىنىم

بوپتۇ ئەمدى ھەممىگە خەيىر،
ئازاپلاغا قىلاي مەن سەبىر
ۋاپاسىز بوپ كەتتىڭ سەن نىگار
نۆل بولدىغۇ قىلىنغان ئەجىر

ئويلىمايمەن سىنى مەن زىنھار،
چۈنكى قىلدىڭ سۆيگىنى ئىنكار
بىھاجەتتۇر سىنى ياد ئىتىش
چۈنكى ئۆزۈڭ ۋاپاسىز بىر يار
     





169 قېتىم كۆرۈلدى 0407520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 0:21:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-6 18:59:33 erxat kurban
yahxi qekip tu sawakdixim。seni kollayma dawamlik terixkin
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ