غۇلجىلىق (شېئىر) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

 غۇلجىلىق

 تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى


ناھەقلەرگە سۈكۈت قىپ  تۇرمايدىغان غۇلجىلىق.
دەرد ئەلەمنى كۈلكىگە زورلايدىغان غۇلجىلىق.
قولى ئوچۇق مەرد سېخى مۇساپىرغا ھەر قاچان.
يىتىملارغا قوينى كەڭ،يوقلايدىغان غۇلجىلىق.

تىلى ئىتتىك كۆڭلى تۈز، بەك يۇمۇرلۇق سۆزلىرى.
لېكىن قۇۋلۇق شۇملۇقنى بىلمەيدىغان غۇلجىلىق.
ھالال ئىشلەپ تاپىدۇ قول سۇنمايدۇ باشقىغا،
شۇڭا( پوچى) لەقەمگە ئۆڭمەيدىغان غۇلجىلىق.

تىك تۇرىدۇ ئابرالدەك  نامەردكە باش ئەگمەيدۇ،
غورورىنى دەپسەندە قىلمايدىغان غۇلجىلىق.
ئەل ۋەتەنگە، ھەمنەپەس تىلى بىلەن دىلى بىر،
كۈلسە كۈلۈپ دەردىگە، يىغلايدىغان غۇلجىلىق.

سادىر بىلەن غېنىدەك مەرد ئوغلانلار بۇندا كۆپ.
ئۈمىدىنى ئەجدادنىڭ ئاقلايدىغان غۇلجىلىق.
نۇرتاي بىلەن ھىبىدەك ئەۋلادلارغا كۆيۈنۈپ،
مەرىپەتنىڭ يولىنى ياقلايدىغان غۇلجىلىق

شۇڭا سېنىڭ نامىڭنى ئاڭلىغانلار ماختايدۇ،
مەيلى قايسى سورۇندا چانمايدىغان غۇلجىلىق.
بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى گاھى داغدام گاھى تار،
شۇنداقتىمۇ بەيگىدە، قالمايدىغان غۇلجىلىق.


2017-3-31
ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن





95 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 3:59:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-6 22:41:43 نائىل
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ