ۋىسالسىز سۆيگۈ
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
باھاردا تۇزىغان گۈل-چېچەك كەبى ،
سارغايدى ئىشقىڭدا گۈلدەك چىرايىم .
ھەر مىنۇت ئازاپتا ئاچچىق ئاھ ئۇرۇپ ،
يۈرۈكۈم ئىچىشىپ بولدى قان-تىلىم .

ۋىسالسىز سۆيگۈڭگە ئەقىدە باغلاپ،
يۈرۈكۈم كۈل بولدى ئىشقىڭدا جانىم.
تەلمۈرۈپ كۈتكۈنۈم شۇ بولدى ئاخىر،
ئازابىڭ چەكمەسكە يوقمۇ ئامالىم .

سۆيگۈڭنى كۈتكەنتىم بەردىڭ دەرت-ئەلەم ،
تەقدىرنىڭ قىسمىتى شۇمىدۇر ماڭا .
ئۆزۈمنى،جانىمنى ئۇنتۇپ سەن ئۈچۈن ،
بارىمنى ئاتىغان ئىدىمغۇ ساڭا .

ھەسرەتتە مۇڭلۇنۇپ كېچىلەر ئۇزاق ،
خىياللار سۈرۈمەن،ئۇيقۇدىن بىدار.
ئۆچمىدى ئىسىمدىن سەن بار ئەسلىمە،
نىگارىم ۋەسلىڭگە بولدۇم ئىنتىزار .
| 180 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-26 22:37:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|