شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات
يەھيا ياقۇپ ♡ (خەتـــــــەرلىك)
شائىر بولــــدۇم ئاشىقلىقـىمدىـــم،
ماڭا كۆڭــۈل بۆلمەكتـــە ھايـــات.
ئەسلەشلەردىن ئۈنچىلەر تىزىـــپ،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
چۈشلىرىممـــــۇ بۇزىـــلار تۈنـــدە،
قىسمىتىڭ دەپ كۈلمەكتە ھايــات.
ھىــجران دېغـــى ماڭــا يەتتىمـــۇ،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
ياخشىلار كـــۆپ دۇنيــادا بىـــراق،
يامانلارنــــى سۆيمەكتـــە ھايــات.
زاۋاللىقــــــلار يۈزلىنىـــپ شۇئــان،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
قىسمىتى كۆپ دۇنيــا ئىكـــەن بۇ،
مىنــى تىرىك يۈتمــەكتــە ھايــات.
ئاھ ھالىمنـــــى يازمــاق ئۈچۈنــلا،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
ئازاپلىرىــــم كەتمىگـــەچ بىـــــراق،
سىناپ مىنى چەكمـــەكتە ھايــات.
يازاي ھالىـــــم مانـــا مۇشۇنـــداق،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
ئاچارچىلىــق كەلســە مىسكىنگـــە،
ئالتۇن كۈمۈش تەرمەكتە ھايــات.
ياخشىلىق يــوق ھېچبىر قولـۇمدا،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
ياتــار جايىم داق يــەر شۇندىمـــۇ،
مىنى قوغــلاپ كەلمــەكتە ھايـات.
بـــۇ ھالىمنــى بايــان ئەيلــەرگــــە،
شېئىر تۇغـــۇپ بەرمەكتە ھايـات.
* * * * * * * * *
قۇرۇق ئەمچەك سېلىـپ ئېغىزغــا،
مىنى قونچـــاق ئەتمەكتە ھايــات.
يوقسىزلىقىـــم بولــدى گۇناھىــــم،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
ئۇشبۇ سۆزۈم بولـــدى ھاقــارەت،
جان قەدرىگـــە يەتمەكتە ھايــات.
لېكىن مەن يـوق كەتتىم يىراقلاپ،
شېئىر تۇغــۇپ بەرمەكتە ھايــات.
* * * * * * * * *
2016-12-21
خوتەن لوپ چاھارباغ
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | يەھيا ياقۇپ (خەتەرلىك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-22 22:23:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|