ئۇيقۇڭنى ئاچ
يۇلتۇز
سەن تۇغۇلغان شۇ دەقىق ھەممە خۇشال كۈلۈشكەن ،
شۇ كۈن قەدەم ئاتاڭنىڭ بويى كۆككە يەتمىگەن .
تەييار تۇرغان ھەر ۋاقىت ئاتاڭ ئاينى ئۈزۈشكە ،
پەرۋانە ھەم ئاناڭمۇ يېنىڭدىن ھېچ كەتمىگەن .
سىنى ئەقىل تاپسۇن دەپ سالدى ئىلىم يولىغا ،
ياقتۇرماستىن سەن ئۆزۈڭ ماڭدىڭ نادان يولىغا .
كوچىدىكى ئازغۇنلار ئازدۇردىمۇ يا سېنى ،
ئۆتتى كۈنۈڭ تەلمۈرۈپ نادانلارنىڭ قولىغا .
شۇنچە ساغلام چوڭ بولدۇڭ بولغاچ ئاتاڭ ئەجىرى ،
غېمىڭ يوقتۇر جاھاندا بولغاچ ئاناڭ مېھىرى .
ئەمما ئۇلار ھالسىراپ ساڭا مۇھتاج بولغاندا ،
ئەسىر قىلدى نادانلىق ۋاپاسىزلىق سېھىرى .
پۇل تېپىپلا ئۇنۇتتۇڭ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى،
ئىككى تەڭگە تاپقاندا كۆرەڭلىدىڭ ئۆزۈڭچە .
دۇنيا دېگەن يامانمۇ سەن ئاتالدىڭ ۋاپاسىز ،
سەندە ۋاپا بىلىنمەس ئېچىپ تۇرغان كۆزۈڭچە .
پەرق ئەتمەي ياشىدىڭ ياخشى بىلەن ياماننى ،
كۆرەلمىدى جۈپ كۆزۈڭ پۇلدىن باشقا بىرىنى ،
چوڭقۇر پېتىپ ئازگالغا بەكمۇ ئاشتىڭ ھەددىڭدىن ،
پايخان قىلىپ چەيلىدىڭ ئاتا ئاناڭ ئەجرىنى ،
تېخى كۆزگە ئىلمىدىڭ ئىلىم پەننىڭ ئەھلىنى ،
يىغىۋالدىڭ يېنىڭغا ئۆزەڭدەكلا پەسلىنى.
شۇنداق ئابىد تىكلىدىڭ پۇل ھەممىگە قادىر دەپ ،
چۈشەنمىدىڭ قىلچىمۇ بۇ ھاياتنىڭ ئەسلىنى .
قاچانغىچە ياشايسەن ئەقلىڭنى ھىچ تاپالماي،
شۇنداق يامان ئىللەتتىن مەڭگۈ يىراق قاچالماي.
كۆپ تەربىيەلەرقىلدىغۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئاتاڭمۇ،
يەنە شۇنداق ئۆتەمسەن ئۇيقۇڭنى سەن ئاچالماي.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ3-كۈنى
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-5 0:08:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|