غېرىب ئۇرۇندۇق (شېئىر) - ئابدۇخېلىل مۇھەممەد

 غېرىب ئۇرۇندۇق

ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن 

بۇ كېچە ، كۆزلەرگە كەلـمەس ھېچ ئۇيقۇ ، 
خىيالىم كېتەتتى سەن بار شەھەرگە . 
بىز بىللە مۇڭداشقان ئاشۇ ئۇرۇندۇق، 
شۇنچىلىك غېرىب بوپ قاپتۇ شۇ يەردە ... 

ئاڭلانماس ئۇ يەردە سېنىڭ شۇ كۈلكەڭ، 
مېنىڭ شۇ ناخشاممۇ كەتتى قاياققا. 
مەن ساڭا يۆلىنىپ  ئىلھام تاپاتتىم، 
مىسرالار يازاتتىم ئۇزاق ، ئۇزاققا. 

تۇنجى قار، ئىزىمىز قالغان ئۇ يەردە، 
شۇ غېرىب ئۇرۇندۇق گۇۋاھتى بىزگە. 
ھەۋەسلەر ئىلكىدە قارايىتتى دائىم، 
تاپاتتى خۇشاللىق  بىزدىن ئۆزىگە.

غېرىبلىق يانىلا باستى ئۆزىنى ، 
سەن كەتتىڭ  يېقىنغا مەن بولسام يىراق. 
سەن غېرىپ، مەن غېرىب، ئۇرۇندۇق غېرىب،
يۇز يىل غېربلىق ...
          ياق بۇ غېرىبلىق ئۇنىڭدىن ئۇزاق. 

2017/3/12 
تىيەنجىن     





31 قېتىم كۆرۈلدى kutteken ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-12 20:34:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ