قېرىنداش - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 قېرىنداش
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن 


ئېغىر كۈندە يۈكۈڭنى تەڭ كۆتۈرەر قېرىنداش،
سۇ كەلگەندە ئېتىزغا تەڭ يۈگۈرەر قېرىنداش.
مال-پۇلۇڭنى كۆزلمەس ساق بولساڭلا كۇپايە،
بىتاپ بۇلۇپ ياتقاندا ھاپاش قىلۇر قېرىنداش.

يار-ئاشىقىڭ كەتسىمۇ ئۇ كەتمەيدۇ يېنىڭدىن،
مەيلى قۇل بول يا گاداي ئۇ چانمايدۇ سېنڭدىن.
ئاچ قالسىمۇ تالاشماس سەن يېگەن شۇ نېنىڭدىن،
بار يوقۇڭدا تەڭ تۇرۇپ تەڭ ياشايدۇ قېرىنداش.

ئۆيىڭنىڭ تۇرۇسىدا ئاي كۆرنۈپ يامغۇر ئۆتكەندە،
شەيتان نەپسىڭنىڭ قۇلى بولۇپ ئامەت كەتكەندە.
بەللەر مۈكچۈيۈپ چاچ ئاقىرىپ قېرىلىق يەتكەندە،
يېنىڭدا ھەمنەپەس يۆلىگىنى ئەمەسمۇ شۇ قېرىنداش.

ئىنسان بىز ئاخىرەت پاتارمىز ئىككى مىتىر يەرگە ،
بولساقمۇ ئىسكەندەردەك پادشاھ كاتتا بىر ئەلگە.
فىرەۋندەك ياخشلار يېشىنى ئايلاندۇرساقمۇ سەلگە،
تاۋۇت كۆتۈرۈپ يەتتە كەتمەن تۇپا تاشلار قېرىنداش.





42 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 3:08:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ