سەن ئۈچۈن - ئىمىنجان ئ‍ابدۇرىھىم

سەن ئۈچۈن 

 ئىمىنجان ئ‍ابدۇرىھىم


  يەنە كەلدىم كۆلنىڭ بويىغا،
سېنى سۇغا چىقارمىكىن دەپ ·
قويۇپ قويدۇم دەرەخكە بەلگە،
كەلگىنىمنى ئ‍ۇقارمىكىن دەپ·

ئ‍ۆيۈم قوشنا تۇرۇپ مەسچىتكە،
ھەر نامازغا مەلەڭگە باردىم·
قېچىپ كەپتۇ بەڭباش كالام دەپ،
مەھەللەڭگە قوغلاپ ئ‍اپاردىم·

تاشلىۋەتكەن ئ‍ىدىم تېرىماي،
دادام بەرگەن يەرنى ئ‍اق قويۇپ·
يەرمۇئالدىم بېغىڭغا يانداش،
يۈرمەكتىمەن كۈندە سۇ قويۇپ·

زەيلەپ كەتتى باغنىڭ تېمى دەپ،
سۆزلەپ كەتتى داداڭ نەچچەرەت·
ئ‍ۇرۇشساممۇ قەستەن ۋاقىراپ،
ئ‍اجىراتقىلى چىقىدىڭ پەقەت·

مەن ئ‍اچقان سۇ پايدا قىلدىمۇ،
ئ‍وخشاپ كەتتى بېغىڭدا ئ‍الما·
شاخقا تەگمەي ئ‍ۆگزەڭگە چۈشتى،
بۈگۈن كەچتە مەن ئ‍اتقان چالما·

قىلما نىگار بۇنچەتەقەززا،
مەن يىغلىسام كۆرەمسەن راھەت·
ماقۇل چىقاي دەيسەن چىقمايسەن،
تۈگەي دېدى مەندىكى تاقەت·
     





45 قېتىم كۆرۈلدى ئىمىنجان ئ‍ابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-25 10:52:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ