ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى
ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى

 ئالىمجان ئاخنىياز شەيدايى

 ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى ،
 ھەربىر بەتتە ھىجرانلىق بىر ئەسلىمەم با ر.
 خاتىرلەنگەن ھەتتا قاچان چىن ياش تۆكتۈم ،
 ۋاپاسىزلىق قىلدى قاچان مەن سۆيگەن يار . 

 ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى ، 
غەزەبلەرگە تولۇپ كەتتى ھەر بىر بېتى.
 سۈيقەسىت بىلەن ئۆچۈرۈلگەن ئىزلىرىمنىڭ،
 دەلىلىدۇر ھەر قۇردىكى دانە خېتى .

 ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى ،
 ھەر بەتتىكى تۈمەنلگەن نەپرەت سۆزى، 
قىستۇرۇلغان رەسىملەرمۇ ئېچىلمىسۇن ،
 قادالمىسۇن كۆزلىرىڭگە قانلىق كۆزى.

ۋاراقلىما خاتىرەمنىڭ بەتلىرىنى ،
 كۆرۈپ قالما قارا يېشىم داغلىرىنى.
 ئېلىپ كېتەي پىنھانلارغا ئۆزۈم بىلەن ،
 خازان بولغان گۈل ياشلىقىم باغلىرىنى .




109 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 1:30:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ