سەھراغا كەلدىم
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
يۈرەكىمنى ئۆرتىگەن سېغىنىش بىلەن،
كەل ئوغلان چۆمۈلگىن سۈيۈمگە دېگەن.
سەبى چاغلىرىم,بالىلىقىمنى كۈلدۈرگەن،
توپىلىرىدا ئۆملەپ,يالاڭ ئاياغ يۈگۈرگەن.
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن سەھراغا كەلدىم.
مېھىرلىك شاماللىرىنى ھىدلايمىكىن دەپ،
بوۋام ئىزلىرىنى قايتلاپ ئىزلايمىكىن دەپ.
تۇغقانلاردىن مېھىرنى ئىزدەيمىكىن دەپ،
چىنلىق ھەم ساپلىقنى سىزەيمىكىن دەپ.
بوۋام-مومام كۈمۈلگەن سەھراغا كەلدىم.
كىشىلىرى ساددا كۆڭلىدە يوق يامانلىق،
تىلەيدۇ سەپەرگە ئاسانلق ھەم ئامانلىق.
ياتار جايى گاھىدا ئالتۇن رەڭ خامانلىق،
شۇندىمۇ ۋايسىماس تەغدىرىدىن داۋاملىق.
ئۆز تەرىدىن كۆكلىگەن سەھراغا كەلدىم.
ۋاللەيلەپ ھارمايتۇق چىقىۋالساق دالغا،
بەيگە قىلاتتۇق تېخى مېنىۋالساق كالىغا.
شوقلۇقتىن چۈشەتتۇق بوۋىمىزنڭ بېغىغا،
چارسىز چوڭلارمۇ بىزدەك تەنتەك بالىغا.
شوقلۇقىمنى كۆتۈرگەن سەھراغا كەلدىم.
قۇرۇپتۇ بىز بېلىجان تۇتقان كۆلچەكلەر،
يىرتىلىپتۇ باغلاردا غورا قاققان ئىتەكلەر.
توملىشىپتۇ مانا قۇچقاچ تۇتقان بىلەكلەر،
بۇژغۇندەك يوقاپتۇ بالىلىقتىكى تىلەكلەر.
تىلەكلەرنى يۈتۈرگەن سەھراغا كەلدىم.
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
2017-يىلى1-ئاينڭ8-كۈنى
24 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-9 0:01:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|