تۈتۈندىكى سىما
ــــــ تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
يار سەندىن رەنجىدى ئاغرىدى كۆڭلۈم،
كۆپۈككە ئايلاندى ئەقىدەم سۆيگۈم،
ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتماسكەن،
پولاتتەك تاۋلاندى سەبىي يۈرۈگۈم،
ئاھ دەيمەن تولغۇنۇپ يىغلايمەن گاھى،
پەلەككە يەتكەندۇ يۈرەكنىڭ ئاھى،
مۇھەببەت ئىشقىدا ئىزتىراپ چىكىپ،
رەھمەتلىك بولامدىم ئۆلەمدىم ياكى،
ئاغرىغان بولسىمۇ گەر سەندىن دىلىم،
ساڭىلا تارتىشار سەن گويا شىلىم ،
ناخشامغا قاتىمەن سېغىنىش بىلەن،
ۋارقىراپ يىرتىلىپ كەتكۈچە گېلىم،
بىر ئوبدان يىتىشتىم يار سىنى دوراپ،
مەنمۇ ھەم بوپ قالدىم تۈتۈنگە خۇمار،
سەۋەبى نىمىشقا بىلەمسەن چۈنكى؟
سىمايىڭ تۈتۈندىن كۆرۈنۈپ تۇرار.
ــــــ2016-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى( ئۈرۈمچى)
38 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-24 20:54:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|