ئۆگەن
روزىجان سەئىدىئەمەت قاراقۇرۇم ئوغلى
( بۇ شېئىرىمنى ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى تىلفۇننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقان ياشلىرىمىزغا بېغىشلايمەن ) ®
كىتاب ئال قولۇڭغا ، ئۆگەن ساۋاقداش ،
قوي يانغا ،چۆرىگىن تىلفۇننى ئاداش .
ئويلىغىن ئاتاڭنى ، ئاناڭنىمۇ ھەم ،
ئەگمەكتە كىملەرگە سىنىڭ ئۈچۈن باش .
يۈرسىمۇ بەزى توق ۋە بەزىدە ئاچ ،
ياقسىمۇ تونۇرغا ئوخشۇتۇپ توقاچ .
ئويلايدۇ ھەر چىشلەم يىگەندە سېنى ،
قايتۇرغىن ئەجرىنى ئىپار ، ئەنبەر چاچ .
تىلغۇننى ئالىمىز قولغا نەچچە رەت ،
ئوينىدۇق ئۈندىدار ،تىزىلىپ رەت-رەت .
خىيالغا كىرمىدى ئاتا-ئانىلار ،
ئايلاندۇق تىلفۇننىڭ قۇلىغا پەقەت .
ئاناڭنىڭ ئارزۇسى ،ئۈمۈدى سەندە ،
ئۇيقۇ يوق كىچىسى ساقلىق يوق تەندە .
يىغىدۇ يىمەستىن ، ھەمدە كىيمەستىن ،
سەندە تون ، ئاتاڭنىڭ ئۇچىدا جەندە .
ئويلاپ باق ئاتاڭنىڭ قوللىرى يىرىق ،
ئىش ئەمگەك دەستىدىن چىرايى
سىرىق .
ئىشلەيدۇ تومۇزدا ، كىچىسى تۈنەپ ،
يىغىدۇ ئىتىزدىن كۈنىدە تىرىق .
ئۆگەنگىن ساۋاقداش ئۆگەنگىن ئۆگەن ،
بەڭۋاشلىق ئىتىغا سال ئەمدى يۆگەن .
سەن بىلەن نورلانسۇن ئاتا ئارزۇسى ،
كۈتمەكتە زور ئۈمۈت سىنىڭدىن ۋەتەن .
2016-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قومۇل
| 20 قېتىم كۆرۈلدى | روزىجان سەئىدىئەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-3 7:35:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|