بىر كۆرەي - ئابدۇراخمان ئابدۇللا

 بىر كۆرەي
ئابدۇراخمان ئابدۇللا 


ئەي نىگار سۇنغىن شارابنى بىر ئىچەي،
بىھۇشلۇق دولقۇنلىرىنى بىركېچەي.
لەۋلىرىم چاپلاپ سۆيگۈنىڭ جامىغا،
يۈرۈكۈم چىلاشقۇدەك مەن بىر بۆسەي. 


ئاشىقلىق جەزىرىسىنى تاشلابان،
سۈيى ئەلۋەك بوستانىڭغا بىر كۆچەي.
ياندۇرۇپ گۈلخاننى قەلبىڭدە تامام،
ئوت تۇتاشتۇرغان پاساڭدەك بىرئۆچەي.


مەندە جان يوق جان سېنىڭ ئىلكىڭدە يار،
ئىختىيار ئەتسەڭ قۇچاقىڭدا ئۆلەي.
ئۆلمىسە كىرمەس ئىمىش جەننەتكىمۇ،
سەن ئۈچۈن شۇ كۆرمىگەننى بىر كۆرەي.

     





45 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 21:59:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ