ئايرىلمىغاي ئاشىق-مەشۇقلار
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
بىر كۈرۈشۈپ قىيا بېقىشقان،
بىر-بىرىگە شۇنداق يېقىشقان.
يۈرەكلەرگە ئوتلار سېلىشقان،
ئايرىلمىغاي ئاشىق-مەشۇقلار.
............................
سۆيگۈ ئۈچۈن كەتسىمۇ جېنى،
تەقدىم قىلغاي ئىسسىق قېنىنى.
مەڭگۈ سۈيۈپ قىلىپ قەدرىنى ،
ئايرىلمىغاي ئاشىق-مەشۇقلار.
............................
مۇھاببەتكە قىلماي خىيانەت،
دىلدا بولغاي مەڭگۈ ساداقەت.
بولسىمۇ گەر مۈشكۈل-قىيامەت،
ئايرىلمىغاي ئاشىق-مەشۇقلار.
...............................
سۆيگۈ گۈلى خۇش پۇراق چاچقان،
ئاتا-ئانا دۇئاســــــى ئالغان.
نىكاھ ئۇقۇپ بەختلەر تاپقان،
ئايرىلمىغاي ئاشىق-مەشۇقلار .
..............................
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى9 - ئاينىڭ 13-كۈنى چېڭدۇ.
| 316 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-17 3:21:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|