سەن ئۈچۈنلا شئېر يازىمەن

سەن ئۈچۈنلا شئېر يازىمەن

 

www.yazghuqilar.com

 

سەن ئۈچۈنلا يازىمەن شئېر،

 بولۇپ سېنىڭ يالغۇز شائىرىڭ.

 سەن گوياكى ئاددى ئوقۇرمەن،

چىن سۆيگۈمدىن بىخەۋەر ئىدىڭ. 

 

 سۆيگۈم سىڭىپ ھەرپ قوينىغا،

 ئۈزۈپ يۈرەر مىسرالىرىمدا.

 تىنىقلىرىم تۇنجۇقۇپ گويا،

 جان تالىشار ھىجرانلىرىمدا.

 

سەن بىر ھەرە،شئېرىم گۈل چېڭى،

 لەۋ تەككۈزۈپ غايىپ بولىسەن.

 يىغىۋىلىپ سۆيگۈ ھەسىلىنى،

تاشلاپ مېنى كىمگە سۇنىسەن. 

 

 سەن ئۈچۈنلا يازىمەن شئېر،

پاك قەلبىمنى چۈشەنگەن قەدەر.

سۆيۈپ ئۆتسە سۆيگۈم شامىلى،

 ئۇيغىنارسەن بولغاندا سەھەر.

 

گۈلئاي يازمىسى





235 قېتىم كۆرۈلدى GULAY ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-4 14:42:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-6 21:01:21 يۇمۇرچى
ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق تىرىشىڭ !!
2015-9-5 21:49:50 manzilim san
gulay bakbak yakxiyakxi yepipsiz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ