خەير سۆيگۈنۈم
ئەختەر قادىر
ساڭا خوش دىگەن گەپنى قانچىلىك تەس دېگىنىم ئۆزۈمگە ئايان…بەلكىم سەن پەرۋاسز ئەمەستۇرسەن، بەلكىم مەن ئارتۇق ئويلىغاندىمەن. لىكىن مىنىڭ ساڭا بەرگەن چوڭقۇر مىھرىمنىڭ ئالدىدا يەنىلا پەرۋاسز سەن.
بىلەمسەن خوش دەۋاتقان شۇ مىنۇتتا كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرىم سېنى يوقۇتۇپ قويغاندىن كىيىنكى ئازاپلىق كۈنلۈرۈمگە تۇنجى قەدەملىرىنى قويدى …ئاھ خۇدا ماڭا بېردىغان بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازابىڭنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىمەن…
مانا ئېغىر قەدەملىرىم مىنى سەن يوق تىپتىنىچ خۇشاللىقمۇ بولمىغان يامغۇرمۇ ياغمايدىغان كېچە ھەم كۈندۈزنىڭمۇ پەرقى بولمىغان ھەتتا سېنى سۆيىمەن دەيدىغان بىرى بولمىغان بىر زۇلمەتكە ئېلىپ مېڭىۋاتىدۇ…توختىماقچى بولدۇم لىكىن ئاچچىق كۆز ياشلىرىم مىنى شۇ زۇلمەتكە ئشتتىرۋاتىدۇ…شۇ تاپتا نە ياشلىرىمنى نە قەدەملىرىمنى توختۇتۇپ قويالىغۇدەك ئىمكان مەندە يوق …
بىلەمسەن ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىگىنى بىلىپ ئەمدىلا ساڭا قول ئۇزاتقىنىمدا سۆيۈلۈشنى ۋە سۆيۈشنى بىلمىگەن ناداننىڭ پەرۋاسىزلىغى ئىشەنىچ چىن مىھىر ئىلتىجا بىلەن سۇنۇلغان مۇھاببەتلىك قوللۇرۇمنى سىلكىپ پۈتۈن ئارمان ئۈمۈت مەندىكى بارىنى ھەممىنى كۈكۈم تالقان قىلىدىڭ ھەممىسى يوق بولدى ئەمدى يوق بوغان ئارمانلىرىمنى نەدىن ئىزدەي ……
خەيىر بۇ ساڭا قىغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلۈرۈمدۇر بەلكىم… شۇنچىلىك تاتلىق شۇنچىلىك گۈزەل شۇنچىلىك بەخىتلىك كۈنلەرنى ھېس قىلدۇرغان سېنى ئاللاھىمنىڭ ماڭا قىغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى دەپ بىلىمەن…قىسقا بولسىمۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىققم بولغان سېنى ماڭا ئۇچراشتۇرغان ئاللاھىمغا مىڭ شۈكرى …
ئاخىردا سېنىك خۇشال خاتىىرجەم ئوتۈشۈڭنى تىلەيمەن ،خەير سۆيگۈنۈم ! ئۆزۈڭنى ئاسرا……سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم…
376 قېتىم كۆرۈلدى | ئەختەر قادىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-6 23:06:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-10 1:45:46 | مۇھەممەت |
ياخشى بوپتۇ ، ئشلىرىڭلا ئاسانلىق بولسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|