غىرىپ ئانا
ئاپتۇرى:مىھىرنىسا قۇربان
كۆڭلى غىرىپ مىسكىن بىر ئانا،
ساقلاپ تۇرار ئىشىك ئالدىدا ·
ئۇ كۈتىدۇ سىغىنىش بىلەن ،
كەلمەيدۇ ھىچ ئوغلىدىن سادا ·
ئانا بولدى يۈرەگى يارە ،
سىغىنغاچقا ئوغلىنى چارە ·
نادان بالا يۈرەر نەلەردە ،
قىلىپ شۇنداق ئانىنى زارە ·
ئانا يۈرەر بالا كويىدا ،
بالا يۈرەر ئويون كويىدا ·
ئانا بولسا يۈرەگى پارە،
نىمە باردۇر بالا ئويىدا·
شۇ ئانىنىڭ ھەسىرەتلىرىنى ،
ئىنسان بىلمەس بىلەر ئىگىسى ·
كۆزلىرىدىن ئۇچتى نەلەرگە ،
ئوغلىنىڭ قەددى سىماسى·
ئايىغى يوق تۈگمەس ئويوندىن
ئالدىراشتۇر ئۇنىڭ بالىسى ،
ئانا يىغلاپ سىغىنىش بىلەن،
كۆزلىرىنىڭ ئاقتى قاراسى ·
بەلكىم، قايتىپ كىلەر بىر كۈنى،
يۈتەر ئۇ چاغ دۇنيادىن ئانا ·
قۇچاقلايدۇ يىغلاپ قەبرىنى ،
ھىچ چىقمايدۇ قەبرىدىن سادا…
2016-4-4غۇلجا
| 25 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-4 23:39:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|