«سۈرىيە»، قىزىم نەدىسەن؟
شەرئى
كۆزۆمنىڭ قاراسى قىزىم نەدىسەن؟
كۆڭلۈمنىڭ تەشناسى قىزىم نەدىسەن؟
سىغىنىش ئوتوڭدا كۈل بولدۇم ئەجەپ،
بۇ دەردىم داۋاسى قىزىم نەدىسەن؟
يۈرىيسەن خىيالىم قوينىدا مىسكىن،
ئۆتمەكتە ھەرسائەت مىنۇتلار غەمكىن،
يوق،يوق زىنھار ئاھىمغا تەسكىن،
بارلىقىم بارىسى قىزىم نەدىسەن؟
قايانغا كەتكەنسەن بىلمىدىم ئەسلا،
زەيىپمەن غاراپمەن سىنىڭسىز بەكلا.
كۈن ئۆتمەك تاڭ ئاتماق شۇقەدەر تەسلا،
ھاياتىم مەناسى قىزىم نەدىسەن؟
بايلىقىم ئىدىڭسەن مىنىڭ بىھىساپ،
تاشلىدى جۇداغا قايسى نائىنساپ.
ئۆرتەيدۇ دىلىمنى بىر ئازاپ قاپساپ،
يۈرەگىم پارىسى قىزىم نەدىسەن؟
ئىزدىدىم سىنى كۆپ،قالمىدى ھىچ يەر،
ئەنسىرەپ يىتەرمۇ ساڭا بىر خەتەر.
قاينايدۇ كۆيىدۇ گۈلخاندىن بەتەر،
يۈرۈگۈم ياراسى،قىزىم نەدىسەن؟
يىنىمدا شادىمان كۈلەتتىڭ بىرچاغ،
باستىمۇ ئەمدى نى غەملەر بولۇپ تاغ.
ئەزدىمۇ شۇ سەبى دىلىڭنى شۇم داغ،
مۇڭ كۈيۈم ناۋاسى قىزىم نەدىسەن؟
جان قىزىم ئاي،قىزىم نەلەرگە كەتتىڭ؟
ۋۇجۇدۇم جىسمىمنى مىڭ پارە ئەتتىڭ!
باغرىمدۇر لەختە كۆز ئالدىمدىن يۈتتىڭ،
گۈل بىغىم رەناسى قىزىم نەدىسەن؟
بولغانسەن نە ئاچچىق قىسمەتكە دۇچار،
ئەنسىزلىك تەشۋىشىم ھەرياننى قۇچار.
شامالغا قوشولۇپ كۆكلەردە ئۇچار،
ھەر ئۈنۈم نالىسى،قىزىم نەدىسەن؟
بىرەلمەس ماڭا ھىچ نەرسەتەسەللى،
ھىجراندا كۈنلىرىم زىمىستان پەسلى.
ئەي قوزام،ئۆزۆڭسەن باھارىم ئەسلى،
مىھىرىمنىڭ شەيداسى قىزىم نەدىسەن؟
قانمىغان تىخى سەن مىھىر ھىممەتكە،
مەنمۇ ھەم قانمايتتىم سەندەك ئۈلپەتكە.
ھىدىڭسىز مەھكۇممەن قارا زۇلمەتكە،
سائادەت بەرپاسى قىزىم نەدىسەن؟
ئۈنلىرىڭ كىلىدۇ يىراق يىراقتىن،
مىڭ ئۆلۆپ تىرىلدىم ئۇشبۇ پىراقتىن.
كۆزلىرىم ئىشىكتە يولدا ئۇزاقتىن،
تىلىم سۆز ساناسى قىزىم نەدىسەن؟
سەن ئوماق ئەزىزىم ئاپئاق قىزىمسەن،
ئەس يادىم سەندىدۇر روھىم جىنىمسەن.
توموروم قىتىدا ئاققان قىنىمسەن،
بۇ نىچۈك جازاسى قىزىم نەدىسەن؟
2016-11-12-كۈنى
216 قېتىم كۆرۈلدى | xirhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-12 19:36:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-15 0:10:48 | سالامەتگۇل |
ئەسسالام ئەلەيكۇم شۇ قەلىمى كۇشلۇك قەلەملىك قىرىنداشلىرىم رەھمەت سىلەرگە مۇشۇن ياخشى مەزمۇن لار بىلەن بىزلەرنى تەمىللەپ تۇرۋاتقىنىڭلارغا مەب بۇمەزمۇننى بەكلا ياختۇردۇم 😔ئۇماق قىزىم سۇرىيە نەدەسز ھەر يەردە بولسىڭىز ئامان ئىسەن بۇلۇڭ ئائىلىڭىزگە تىزراق قايتىپكىلىڭ 😔😔 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|