ھامان بىركۈن مال-دۇنيا ھەممىمىزدىن قالاركەن

         ‏ ھامان بىركۈن مال-دۇنيا ھەممىمزدىن قالاركەن
       
        ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

بۇھاياتنىڭ سازى چوڭ،ھەر مۇقامغا چالاركەن،
گاھى تەتۈر گاھى ئوڭ،مۇڭ-ئازاپقا سالاركەن.
بالىلىقىتا پەرۋاسىز ،ئۆتكەن بىلەن بۇ  ئۆمۆر،
ئەزىرائىلمۇ جىنىڭنى ئاگاھلاندۇرماي ئالاركەن.

دەپ غىڭشما بۇرادەر،ياشلغىم-ئالتۇن چىغىم،
بۇ پەتىۋا يالغان،ئەمما،نادانغاخوپ ياقاركەن.
قىرى ياشقا باقماس ئەجەل،بالا كتپ باقىيغا،
ئاتا قىلىپ بۇ پانېدا،ئىچ ئاغىرىقى تاتاركەن.

ئامېتىڭ بار يىنڭدا،ھۆر-غىلمانلار سەن بىلەن،
قورسىغڭ توق،يەم غىمىڭ ھەممەجايدا قاتاركەن.
سەن پەرۋاسىز،غەمسز شاد،يۈرگنڭدە بىر كۈنى،
كسەل سىنىڭ پىشىڭدىن، كارۋىتىغا تاتاركەن.

ساقلىق دىگەن ئىگەمنڭ،بىزگە بەرگەن نىئمتى
قاراپ باققىن،ساقسزلار،ساي تېشېدەك ياتاركەن
يىتىپ قالساڭ بىركۈنلەر، ئورۇن تۇتۇپ  ناۋادا،
ئەس-خيالىڭ شۇغەمدە،بشىڭ ئاندىن قاتاركەن

ھامان بىركۈن مال-دۇنيا،ھەمممىزدىن قالاركەن،
خامېنىڭدىن ھاياتلار،چەشنى سوروپ ئالاركەن.
كۈيلىرىڭنى ئەجدادىڭ داۋام ئىتىپ نەغىمىدە،
يارەنلىرىڭ سەن چالغان ئاشۇ كۈيگە چالاركەن.

مال-دۇنيا كۆپ بولسمۇ،بىراق سنىڭ ئەمەستۇر،
تېنىڭ ھامان لەھەتكە، قۇرۇق پېتى باراركەن.
مىراسخۇرلار سوقۇشار،ئەمدى دۇنيا مىنىڭ دەپ،
قىرنداشمۇ پۇل-مالچۈن،بىر-بىردىن چاناركەن.

كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار،ياشساڭمۇ مىڭ يللاپ،
ئەجەل ھامان پېشىڭدىن،بىر كۈنلىرى تاتاركەن.
شۇڭا ھايات قالدۇرار بىزگە تالاي سىر ھىكمەت،
ئولمەستەك ئاچكۆزلكنى بىزگە مەھكەم چاتاركەن

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589






68 قېتىم كۆرۈلدى bodak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-21 8:49:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ