ئاتا-ئانامغا بېغىشلاپ
مەدىنە
ئاپامنى ھەممىدىن چىرايلىق دېمەيمەن ، چۈنكى ئاپامنى پەرىشتە دەپ بىلىمەن · پەرىشتىنى چىرايلىق دەپ ماختاش بىھاجەت ! ئۇنى پەقەت پەرىشتەملا دېگۈم كېلىدۇ ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان پەرىشتىدىن بۆلەك زات ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مۇھەببىتىنى چىنلىق بىلەن مۇكەممەللىككە باشلىيالمايدۇ !
ئاتامنى ھەممىدىن كېلىشكەن نەۋقىران دېمەيمەن ، چۈنكى ئاتامنى تاغ دەپ بىلىمەن . ئۇنىڭ بەستىنى تاغ مېھرىنى ئوت قىلىپ مىنى قوغدىشىدىن ، مېنى ياتنىڭ يامان كۆزىدىن ساقلىشىدىن ئەشۇ مېھرىبانىمنى تىل بىلەن تەرىپلەشكە مەڭگۈ ئاجىزلىق قىلىمەن !
ئاتام ئاپامنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايمەن ،چۈنكى ئۇلارنى خىزىر دەپ بىلىمەن ، ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بىلەن بىر جۈپ قەدىردانلىرىمنىڭ مىنى ۋە ئەشۇ بىردىنبىر قېرىندىشىم تومۇردىشىمنى دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغىنىغا مىڭلارچە شۈكرىلەر بولسۇن!
بىزلەرنى بالام باغرىم دەپ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى سەرىپ قىلىپ ، ۋاقتسىز يوقاتقان ياشلىقىغا ، رەھىمسىز يىللارنىڭ چىرايىدا قالدۇرغان تال تال قورۇقلىرىغا پەرۋا قىلماستىن ، جاپا مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ يوقۇمنى تەل قىلىش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىغا قاقشاش ۋە تاپا - تەنە ئارلاشتۇرماي مۇھەببەتلىك بىقىشىشلىرىغا چەكسىز سۆيۈنچۈم بار !
سىلەر مېنىڭ پەخرىم ، سىلەر مېنىڭ روھىي ئوزۇقۇم ، سىلەر مېنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا باشلىيالايدىغان قىبلىگاھىم ! جۈپ قەدىردانلىرىم ئامان بولۇڭلار ! ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيدىغىنىم شۇ بولسۇنكى دۆلىتىم ئاتام جەننىتىم ئاپام ئامان بولسۇن ، ماڭا ئۇلار بىلەن تەڭ قېرىشنى ئۇلاشتۇرسۇن ، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىم بولغىنىدا ، ئۇلار ماڭا ئەركىلىگىنىدە مىنىمۇ ئەركىلىتىدىغان كىشىلىرىمنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ بېشىمنى سىيلىشىنى نېسىپ قىلسۇن ! قېرىندىشىممۇ ھەم شۇلارغا ئوخشاش بولسۇنكى ھېچبىر كىشى كۆڭلۈمگە تەسەللىي بولالمىغىنىدا مېنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ " بىشىڭنى تىك تۇت قېرىندىشىم ، مانا مەن بار ! قەددىڭنى رۇسلا !" دېيەلەيدىغان بولسۇن ! ئۇلۇغ ئاللاھ قەدىردانلىرىمنىڭ مېھرى مۇھەببىتى داۋاملىق يالقۇنجاپ تۇرىشىنى، تېنىنىڭ سالامەت ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ، بەختى دۆلىتىنى زىيادە بولىشىنى نېسىپ قىلسۇن !
ئۇلۇغ رەببىمگە چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن !
274 قېتىم كۆرۈلدى | مەدىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-17 11:01:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-9 13:51:48 | نۇرئېلى |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەدىنە قەلىمىزگە بەرىكەت بولسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|