ئايرىلىش
ئابدۇرسۇل ئەزىز قۇتلۇق
ئايرىلىش شاۋقۇنى ئاڭلانسا ئەگەر،
يېقىمسىز بىر ئاھاڭ چۇلغايدۇ دىلنى·
شۇ تىمتاس يۈرەكنىڭ تارى ئۈزۈلۈپ،
تىتىمسىز بىر ئاچچىق قىينايدۇ گالنى…
ئايرىلىش ئۈمۈتنى ئۇچۇرۇپ شامالدا،
تاشلايدۇ گىياھسىز سۇسىز چۆللەرگە،
تەشنالىق ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىدەك،
باشلايدۇ ئېزىقىپ قۇرۇق كۆللەرگە…
ئايرىلىش قەرەلى تۇتسا قۇلۇڭنى،
قالمايدۇ ئارقاڭدا ھەتتاكى سايەڭ·
ھاۋادا لەيلىگەن مازغاپ كۆپۈكتەك،
يوقايدۇ پارلىنىپ بىر كۈنى غايەڭ…
ئايرىلىش مېھمىنى ئاتلار چاپتۇرسا،
ۋاقىتنىڭ كەينىدىن قامچا ئوينۇتۇپ·
شۇ قىسقا سەپەردە يولوچى بۇلۇپ،
ئاخىرقى بېكەتكە بارسەن ئويغۇنۇپ…
ئايرىلىش قىسمەتكە پۈتۈلگەن ھامان،
كارى يوق بەخىتكە ئۇلاشقىنىڭدىن·
توشسا گەر ۋاقىتنىڭ ئىستىرىلكىسى·
ئايرىيدۇ يېقىندىن قېرىندىشىڭدىن…
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كۇچا
83 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 5:00:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-19 14:18:26 | 1538377731 |
ئنتايېن ياخشى يېزېلىپتۇ، قۇلىڭېزغا دەتبەرمىسۇن، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|