ھايات ھەقىقىتى - تۇنساگۇل ئىسمائىل

 ھايات ھەقىقىتى
-تۇنساگۇل ئىسمائىل (قەشقىرى)


تەغدىردىن رەنجىمە تەغدىر گۇناھسىز،
رەنجىسەڭ بەرىبىر بىزلەر ئامالسىز.
تەن بەرمەي ئامال يوق ئۇ بىر ھەقىقەت،
گاھىدا خوش قىلار گاھى رەھىمسىز.

تىرىشقىن تىرىشساڭ قىلىسەن غەلبە،
تەغدىرنى تىللىما قىلمىغىن غەلۋە.
ھەركىمنىڭ تەغدىرى دائىم قولىدا،
سەۋەپ قىل قاقشىما بولمىغىن تەلۋە.

يىغلىما يىغلىما يىغلىما يۈرەك،
يىغلىساڭ قەلىبلەر بولىدۇ كۆيەك،
يىغا- زار ھېچكىمگە قالمىغان مىراس،
يىغىنى چۆرىۋەت كۈلۈشۈڭ كېرەك.

ياخشىلار ياخشىدۇر ياخشىدىن ياخشى،
ياخشىغا يول راۋان تۇرالماس قارشى.
ياخشى بول يامانغا قىلمىغىن ھەۋەس،
ھەممىدىن ياماندۇر ئەلنىڭ قارغىشى.

سەۋىر قىل سەۋىردىن ئۈنىدۇ گۈللەر،
سەۋىرچان كىشىگە كۈلىدۇ كۈنلەر.
سەۋىرلىك بولمىساڭ قىينايدۇ ئازاپ،
يۈرۈكۈڭ يىغلايدۇ كىچە ھەم تۈنلەر.

كۈلدۈرۈڭ كۈلۈشۈڭ كۈلۈڭ  كۈلگەنلەر،
كۈلىدۇ كۈلكىنى مۇھىم بىلگەنلەر.
كۈلكىلەر ئاجايىپ جاننىڭ ئوزۇقى،
كۈلۈشەر ھەتتاكى قاپاق تۈرگەنلەر.

ئىنساپتا ياشىغىن بولما پەرىشان،
مىھنەتكە پۈتۈلگەن بارچە يەر جاھان،
روھىڭدا چاقنىسا شۈكىر قانائەت،
بىلگىنكى دۇنيادا سەن ئۇلۇغ ئىنسان،

2016-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈنى(چارشەنبە)
      





103 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-8 18:50:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-16 15:19:04 ساۋۇت سەدەن
ياخشى يېزىپسىز🌹🌹🌹
2016-12-16 2:31:43 guljamal
bu xi er nahayiti yahxi yezilip tu...tehimu kup asar yezxgz ni umud klman..
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ