سۇنغان كۆڭۈل (دوستۇمغا)
زۆھرە
تونۇشمايتتۇق، دوستۇم بولدۇڭ،سىرداشتۇق،،
ھېكمەتلەردىن كۈي-سەتىرلەر تىزىشتۇق.
گاھى كۈلۈپ ،گاھى يىغلاپ ،ئەركىلەپ ،
ئارمانلارنى قەلىبلەرگە سىزىشتۇق .
بىلمىدىم ھىچ نىمە قىسمەت بولدىكىن ؟
قايسى شەيتان قارا قوللار سۇندىكىن ؟
كۆپ ئۆتمىدى ،كەتتىڭ تىزلا قايرىلىپ ،
يۈرىكىڭگە نە خىياللار تولدىكىن ؟
كۆيگەن ئەمەس،ساڭا بەكمۇ كۆنگەنتىم،
چىن ساداقەت ۋە مېھىرلەر كۈتكەنتىم .
ئەپسۇس ئارمان كۆپۈك كەبى يوقالدى ،
ئاچچىق ھەسرەت -كۆز ياشلارنى يۈتكەنتىم .
كۆرەلمەيسەن ،يۈرەكلىرىم قان-زەرداپ،
كۈلۈپ يۈردۈم ئۆز-ئۆزۈمنى ھەم ئالداپ .
چۈشلىرىمدە شۇنچە مەغرۇر ياشايسەن ،
لىك ئويغانسام تەنھا ئۆزۈم كۆز ياشلاپ .
بولدى يىتەر!چۈشلىرىمدىن قايتىپ چىق!
سەن ئۈچۈنلا يۈرىۋەرمەي پەرىشان .
ئۆز ئۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتەي سەنسىزمۇ ،
ئازاپ ئىچرە بولۇپ قالماي بىزۇۋان .
| 59 قېتىم كۆرۈلدى | زۆھرە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 0:34:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|