يار قېشىغا بارغۇچە

يار قېشىغا بارغۇچە

 

 گۈلنىگار مەترۇزى

 

 تۈزەشتۈردىم كىيمىمنى رەت-رەت ،

يار كۆڭلۈمنى سەزمىسۇن دېگەچ ،

 ئ‍الالمىدىم قەدىمىمنى دادىل پەقەت ،

 يار قېشىغا بارغۇچە !

 

 خىياللارغا چۆكتۈم مەن قەۋەت ،

 يار كۆڭلىدە نىم باردۇ دېگەچ ،

 باغلىدىم يارغا ئ‍ىشتىياق ھەۋەس،

 يار قېشىغا بارغۇچە !

 

 يېقىلدىم مەن يوللاردا نەچچە ،

دەس تۇرارمەن تۇرۇش بولسىمۇ تەستە،

مەن ماڭىمەن قالساممۇ گەر گەپكە ،

 يار قېشىغا بارغۇچە !

 

 توسسىمۇ گەر يولىمنى بەس-بەستە ،

 تولسىمۇ بۇ يولۇم قانچىلىك دەرتكە ،

 ماڭىمەن ھەم قالساممۇ نەپرەتتە ،

 يار قېشىغا بارغۇچە !

 

2015-12-27





261 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-27 20:46:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-28 10:47:55 undidar
pakat yahxi yazalmapsi
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ