غەيرەتلىك غۇلجا خەلقىمگە - گۈلباھار غەيرەت (ئو.پ)

غەيرەتلىك غۇلجا خەلقىمگە 

 گۈلباھار غەيرەت (ئو.پ)


شېرىن چۈشتىن ئويغۇنۇپ تەۋرەندىم بۇ سەھەردە،
تۇيۇقسىزلا يۈرەگىم غەش بولغانتى سەۋەبسىز.
كەلدى خەۋەر ئىدىقۇت ئۆز ماكانىم تۇرپاندىن،
كۈلكى چاق-چاق ماكانى غۇلجام قاپتۇ ئەنسىز.


كەلدى سىنلار بەس-بەسلەپ نەق مەيداننىڭ پەريادى،
يۈرەك ئەزگۈ بۇ خەۋەر ئۈندىدارنى بىر ئالدى.
ياۋۇز كەبى كەلكۈنلەر يۇتتى تۇياق تۇپراقنى ،
پارچىلىدى يۈرەكنى ئاۋامنى قىيانغا سالدى.


خەۋەرداركەن ئاپەتتىن مەن تۇرۇشلۇق بۇ دۆلەت،
تۇنۇشتۇرۇپ غۇلجامنى  بۇرۇن قىلغاچ زىيارەت.
باشقا كەلسە تەڭ كىلۇر يالغۇز ئەمەس سەن خەلقىم،
دەس تۇرغىن ھەم ئورنىڭدىن سەندە زوردۇر بۇ غەيرەت.


ئاللاھ  ئىگىمىزدىن  ئامان ئىسەنلىك تىلەيمەن سەبىر ئاتا قىلغاي

20/06/2016.      فرانسيە
     





28 قېتىم كۆرۈلدى گۈلباھار غەيرەت (ئو.پ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-20 21:22:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ