ھايات - گۈزەل بايدىن تۇرسۇنجان قايىم«ئىقبالى»

ھايات

ئاپتۇرى :تۇرسۇنجان قايىم«ئىقبالى»

يارالدۇق دۇنياغا سىنالماق ئۈچۈن،
كۆز ئېچىپ كەلدۇق بارچىمىز مېھمان.
قەدىرلەيلى ھاياتنى گۈزەل ياشلىقنى،
تەغدىر بىزدىن ئالىدۇ ھامان ئىمتاھان.

بېشىمىزغا مىڭ بالا كېلىدۇ بىر كۈن،
ھاياتنىڭ ئىچىدە كۆرۈمىز قىسمەت.
بۇلغانمىسۇن دىلىمىز پاك ئەقىدىمىز،
ھەممىدىن دۇنيادا ھاياتلىق قىممەت.

تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى سوغۇقى باردۇر،
بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ كېتىمىز ھامان.
ئۆتەلمىسەك سىناقتىن قىيىن ئۆتكەلدىن،
تاپالمايمىز پۇشايمان قاچىسىنى تامان.

         2016.11.30
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  ،نامسىز تارقاتماڭ ،ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقلىشىڭ 

ئۈندىدار 1934220673
     





69 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 11:57:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ