دوس بولساڭمۇ ھېسابى بىلەن بول

دوس بولساڭمۇ ھېسابى بىلەن بول

 

ئابلىز ئابدىراخمان

 

دوس بولساڭمۇ ھېسابى بىلەن بول،

 ھېسابلىق دوس ئايرىلماس.

 خان بولساڭمۇ كىبرىڭ بىلەن بول،

 كىبىرسىز خان قۇدرەت تاپماس.

 

 دوس بولساڭمۇ ھېسابى بىلەن بول،

 ھېسابسىز كىشى يولىنى تاپماس.

 خەت يازساڭمۇ ھۆسنى بىلەن ياز،

 ھۆسىنسىز خەت كىشىگە ياقماس.

 

دوس بولساڭمۇ ھېسابى بىلەن بول،

 ھېساب چۈنكى قارغۇ بولماس.

 يولدىن ئازساڭمۇ ئىنساب بىلەن ئاز،

ئىنساب سىنى يامان يولغا سالماس.





105 قېتىم كۆرۈلدى abliz0 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-10 23:36:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ