يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول
ئىلدام
يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول،
قاشتىشىدەك سۈزۈك بول.
بىر قاراپلا بىلۋالسۇن ،
مەسئۇلىيەتچان يىگىت بول.

يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول،
مىشچان بولماي، ئىشچان بول.
ناھەق ئىشلار ئالدىدا ،
باتۇر-جەسۇر يىگىت بول.

يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول،
ئۆزىڭگە خاس خىسلەتلىك .
سۈر -ھەيۋىلىرىڭ يولۋاستەك،
شىر كەبى باتۇر بول.

يىگىت بولساڭ تۈزۇك بول ،
باشىقىلارغا ئىللىق بول .
سۆزلىرىڭ ھەم مۇلاھىم ،
سۆزمەن چىچەن يىگىت بول،

يىگىت بولساڭ تۈزۇك بول،
پاكىز ،تىتىك،رەتلىك بول.
شۆھرەتپەرەس بولمىغىن ئەسلا،
نادانلىقتىن يىراق بول .

يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول ،
كۆزى ئۆتكۈر بۈركۈت بول.
قىيىنچىلىققا باش ئەگمە ئەسلا ،
ئىجتىھاتلىق يىگىت بول.
2015-12-11 安
| 80 قېتىم كۆرۈلدى | eldam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-13 16:42:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|