خەير ، سۆيگىنىم
گۈلزىرە مەخمۇت
ـ سېنى سۆيىمەن جېنىم ، سېنى سۆيىمەن !
- مەنمۇ سېنى سۆيىمەن !
-سېنى سۆيىمەن دېدىڭمۇ ؟ ئاشۇ سۆزۈڭنىڭ يالغان ئېيتىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، لېكىن يۈزۈڭگە سالغۇم كەلمىدى . نېمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ! سېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولۇپ قېلىشىڭنى ئەسلا خالىمايمەن . لېكىن سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى كەچۈرەلمىدىم . سېنىڭ ناتونۇش بىر قىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ھالىتىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . ھەيرانمەن ، ماڭا دېسەڭ بولماسمىدى ، ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ؟ مەن ياق دەپ ساڭا ئېسىلىۋالامتىم ؟ يېڭى سۆيگىنىڭنى كۆرۈپ ، بەلكىم سەن ئۇنداق دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانسەن . سېنى شۇنداق چوڭ بىلەتتىم ، بىراق .....
مەيلى ، بەختلىك بولغىن ! يېڭى سۆيگىنىڭ يەنە كونا سۆيگۈنۈڭگە ئايلىنىپ قالمىسۇن ! خەير - خوش ، ۋاپاسىز سۆيگىنىم !
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
| 294 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-2 18:40:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|