خەير سۆيگىنىم - گۈلزىرە مەخمۇت

خەير ، سۆيگىنىم


گۈلزىرە مەخمۇت


ـ سېنى سۆيىمەن جېنىم ، سېنى سۆيىمەن !

- مەنمۇ سېنى سۆيىمەن !

-سېنى سۆيىمەن دېدىڭمۇ ؟  ئاشۇ سۆزۈڭنىڭ يالغان ئېيتىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، لېكىن  يۈزۈڭگە سالغۇم كەلمىدى . نېمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ! سېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولۇپ قېلىشىڭنى ئەسلا خالىمايمەن . لېكىن سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى كەچۈرەلمىدىم . سېنىڭ ناتونۇش بىر قىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ھالىتىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . ھەيرانمەن ، ماڭا دېسەڭ بولماسمىدى ، ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ؟ مەن ياق دەپ ساڭا ئېسىلىۋالامتىم ؟ يېڭى سۆيگىنىڭنى كۆرۈپ ، بەلكىم سەن ئۇنداق دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانسەن . سېنى شۇنداق چوڭ بىلەتتىم ، بىراق .....

مەيلى ، بەختلىك بولغىن ! يېڭى سۆيگىنىڭ يەنە كونا سۆيگۈنۈڭگە ئايلىنىپ قالمىسۇن ! خەير ـ خوش ، ۋاپاسىز سۆيگىنىم !


تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 ـ كۈنى








294 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 18:40:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ