قولۇڭنى بەر ، يىگىرمە ياشلىقىم!!!! - ئانارگۈل

قولۇڭنى بەر ، يىگىرمە ياشلىقىم!!!! 

 

 ئانارگۈل

 

ئ‍ەي دۇنيا !!!!!...... مەن قىيالمىدىم ،راستىنلا ئ‍ىلىپ كىتەرسەنمۇ؟ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر جىنىمنى ئىلىپ كىتەرسەنمۇ؟ گۈلدەك ھاياتىمنى ئىلىپ كىتەرسەنمۇ؟ كەچمشلىرىمگە گۇۋاھ يۈرەك پارە منى ئىلىپ كىتەرسەنمۇ؟

 بىلەمسەن دۇنيا، خالىمايمەن ، بۇ ساختا خۇشاللىقىمنى ، ئازاپلىق شوخلۇقۇمنى، ئ‍ازاپلىق قىسمەتلەر يوشۇرۇلغان ساددا گۆدەكلىكىمنى بىرىشنى خالىمايمەن.  جىمجىت كىچىلەردە ئ‍ۇيقۇسىز روھلارغا قوشۇلۇپ "جىنىم" بولغانلارنى سىغىنغىنىم، ياش تۆككۈنۈم راس ، لىكىن سىغىندىم دەپ جار سېلىپ باقمىدىم ، ئازاپ ئ‍ىچىدە ئ‍ەسلىگىنىم راس ، لىكىن ئ‍ازاپتا قالدىم دەپ يالۋۇرۇپ باقمىدىم، مۇدھىشلىق ئ‍ىچىدە ئ‍ىسمىنى چاقىرغىنىم راس ، لىكىن يۈرەك تىۋىشىمنى بايان قىلمىدىم.

دۇنيا ،مانا سەن ماڭا ئ‍اتا قىلغان سىغىنىشلىق قىسمەتلەر، ماڭا ئ‍ىچ ئ‍اغرىتىۋاتامسەن ؟ ياق....موھتاج ئ‍ەمەسمەن ،ھىچبىر ھىسداشلىقلارغا موھتاج ئ‍ەمەسمەن. ئ‍ۈنسىز بەخىت تىلىدىم ، مەنسۇپ بولمىدى ،ئ‍ۈنسىز ياش تۆكتۈم ،پايدىسى بولمىدى، بەلكى كۆز نۇرۇم ئ‍اجىزلاشتى. ماڭا رەھىمسىز قولۇڭنى سۇنساڭمۇ ، گۈلدەك ھاياتىمنى ئ‍ىلىپ كەتمەكچى بولساڭمۇ ئ‍ەپسۇسلانمىدىم، چۈنكى بۇ تەقدىر پىشانەم.  18ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئ‍ۆزۈمگە غايىۋى بەخىتلەرنى تىلىگىنىم، ئ‍ىسىمدە 19ياشقا كىرگىنىمدە ئ‍ەقىل كىمىسىگەباش بولدۇم، مانا ئ‍ەمدىلىكتە 20ياشمۇ قولۇمنى رەھىمسىزلەرچە تارتماقتا.

دۇنيا ، ماڭا بىر قىتىم پۇرسەت بەر دىمەيمەن، لىكىن 20ياشلىقىمنى گۈزەل مەنالارغا تولدۇرسام دەيمەن. خەيىر 19ياشلىقىم ، قولۇڭنى بەر 20ياشلىقىم . تەقدىر باشقا ، ئىرادە باشقا..........@!!!!





1228 قېتىم كۆرۈلدى ئانارگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-3 12:33:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-6 7:03:27 ئابدۇللا (قومۇل سەنداۋلىڭ)
يۈرۈكۈم تىترەپكەتتى قالتىس
2016-4-10 18:35:48 🌟🌟
ۋاقىت راسلا تىز ئ‍ۆتدۇ
2016-4-6 23:53:55 مەمەتئەلى
مەن بەك ياقتۇردۇم
2016-4-6 10:30:59 @
tehimu terxeg
2016-4-5 10:43:56 ئ‍ىرشات
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ