رايىم ياندى سېنىڭدىن (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

رايىم ياندى سېنىڭدىن


مەمەتجان سەمەت شئېرى

مېنى ئالداپ قويغاچقا سەن بىۋاپا،
دىلىم قاتتىق رەنجىپ قالدى سېنىڭدىن.
ئەمدى ئۈمۈد كۈتمەيمەنغۇ ئۆلسەممۇ،
راستىن بەكلا رايىم ياندى سېنىڭدىن.

سەندەك يارنى سۆيگۈنۈمگە ئېچىنىپ،
ئۆز. ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم  چېچىلىپ.
تاس قالدىمغۇ كەتكىنى ھەم يېرىلىپ،
راستىن بەكلا رايىم ياندى سېنىڭدىن.

كۆرگۈممۇ يوق سېنى يەنە مەن قايتا،
قاچقىن نېرى كۆرگۈنىڭدە سەن ئاستا.
خاتىرجەم بىر ياشاپ باقاي تەنھالا،
راستىن بەكلا رايىم ياندى سېنىڭدىن.

مۇرادىڭغا يىتىۋالغىن كېتىپسەن،
تاپقان ئاشۇ يار يېنىغا بېرىپسەن.
مەنمۇ يىراق چەت ئەللەرگە كېتىمەن،
راستىن بەكلا رايىم ياندى سېنىڭدىن،

ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنىڭ ئىسمى بىلەن تارقىتىڭ نامسىز تارقاتماڭ
     





424 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-25 4:41:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 22:21:49 阿布地卡哈尔
بەك ياخشى كۆردەم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ