نورۇز
ئېرشات ئوسمان(ئەركە)
مەيىن شامال ئەركىلەر سىلاپ يۈزىنى،
مەجنۇنتاللار شادلىقتا يىنىك ئىرغاڭلاپ.
لەرزىگە سالار شۇدەمدە ئىللىق باغرىنى،
نورۇز كەلدى ھەممىگە باھار باغاشلاپ .
نەغمە ناۋا باشلىنار نورۇزنى كۈيلەپ ،
ئەتراپىدا قىز يىگىت ساما سالغۇسى.
چېلىشچى باتۇرلار تەييار بولۇشۇپ،
تەن بەرمەي رەقىبنىڭ بەلدىن ئالغۇسى.
دالىلارغا يوغان يوغان قازان ئېسىلىپ،
سۇ تولدۇرۇپ قازانلارغا ئوتلار يېقىلىپ.
مېھنەت بىلەن نورۇز ئېشى پىشار قايناپ،
ئارپا، تېرىق ھەممەيلەن تاپقاننى سېلىپ.
مەيداننى بىر ئالۇر قوشقار ئۈسۈشۈپ،
ئەپتىدىن قوشقىرەكلەر بىر بىردىن يانماس.
خورازلارمۇ چىللىشىپ، قانات سىيرىشىپ،
بىر بىرىنى چوقۇشۇپ تىپىشىپ ھارماس.
جان جانىۋار، قۇشلارغىمۇ باھار شادلىقى ،
بەس بەستە سايرىشار كاككۇك ۋە بۇلبۇل.
قامچىسىنى ئوينىتار زەبەردەس يىگىت،
نورۇزلۇق بەيگىلەردە چاپتۇرۇپ دۇلدۇل.
2016/3/21سەھەر
151 قېتىم كۆرۈلدى | arka1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-19 17:58:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|