كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 14

ئىككى شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 19:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى شېئىر


ئۈژمە پىشتى


ئاق ئۈژمە پىشتى،
قۇشلار كېلىشتى.
چوقۇلاپ شاختىن،
يەرگە تۆكۈشتى.

ئاق ئۈژمە پىشتى،
تۈۋىگە چۈشتى،
يېگەن بالىلار
پاھ-پاھ دېيىشتى.

ئاق ئۈژمە پىشتى،
قىزلار كېلىشتى،
ئېتەك-ياغلىقتا،
ئېلىپ كېتىشتى.

ئاق ئۈژمە پىشتى،
چوڭلار كېلىشتى.
ئىرغىتىپ ،يۇيۇپ،
تامشىپ يىيىشتى.

ئۈژمە تۈۋىدە،
خوشال كۈلۈشتى.
ياز نېئمىتىدىن،
ھوزۇر سۈرۈشتى...


(2013-يىلى 5-ئاينىڭ26-كۈنى)



ياز كەلدى

دىلنى يايرىتىپ،
ئىللىق ياز كەلدى.
ئېرىق-ئۆستەڭدە،
قاتار غاز كەلدى.

ئۆردەك- غاز بولۇپ،
قاتار ئېقىشىپ.
ئوينىدۇق خوشال،
سۇلار چېچىشىپ.

شوخلۇق قىلىشىپ،
كۆتۈردۇق غەۋغا.
قىرغاققا چىقىپ،
كۆمۈلدۇق قۇمغا...

ئەجەپ بەك راھەت،
يۇرتنىڭ ھاۋاسى.
سالقىن باغلاردا،
قۇشلار ناۋاسى.

شەھەرلىك دوستلار،
كەلگىن يۇرتۇمغا.
قىلىمەن مېھمان ،
باشلاپ بېغىمغا...


(2013-يىلى7-ئاينىڭ12-كۈنى)




مەنبە: ئىجادىيىتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 20:07  


62527718201206220315433586419967369_061[1].jpg
idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3104
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 209
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 22:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئرنى ئوقۇغان كىشى  بالىلىقنى ئەسكە ئالماي تۇرلمايدۇ.بالىلار ئۈچۈن كاتتا سوۋغا بوپتۇ.. ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئۈزۈپ قويماڭ..

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3104
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 209
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 22:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئرنى ئوقۇغان كىشى  بالىلىقنى ئەسكە ئالماي تۇرلمايدۇ.بالىلار ئۈچۈن كاتتا سوۋغا بوپتۇ.. ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئۈزۈپ قويماڭ..

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 22:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ-پاھ دېيىشتى.

بۇ يەردىكى« پاھ-پاھ» تىرناققا ئىلنامدۇ ياكى شئېرلاردا بۇنداق ئەمەسمۇ؟

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3332
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 22:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلىققا قايتقۇم بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتۇچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 22:51  


كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3332
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 22:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 22:27
بالىلىققا قايتقۇم بار ...










كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 13:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيچى يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 22:19
بۇ شېئرنى ئوقۇغان كىشى  بالىلىقنى ئەسكە ئالماي تۇرلما ...

ياقتۇرغىنىڭزغا رەھمەت..

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 13:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 22:27

كىرىشتۈرگەن ناخشىڭىزغا رھمەت...

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3200
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 18:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىمدا يۇرتقا بېرىپ ئاق ئۈجمە تېرىپ يىگەن چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي.

كۆرگۈنىڭدىن كۆپتۇر كورمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1578
تۆھپە : 0
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 23:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەربىر ئەدىبنىڭ بۇرچى! ساغلام بولغان بالىلار ئەدەبىياتى كەلگسىنىڭ ئۆمۈدى بولغان پەرزەنىتلىرىمىزگە روھى ئوزۇق بىرىدۇ! ئىجادىيەتلەر بەرىكەتلىك بولغاي!

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 198
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەتتوختى بۇرادەر، شېئىر بالىلار تىلىدا يەڭگىل يېزىلغان بولسىمۇ، بايان تۈسى كۈچلۈك. تەسەۋۇرغا تۇيۇنغان مىسرا كام. شۇڭا خەۋەردەك تۇيغۇ بىرىپ كويىدىكەن. بۇ خۇددى

ئون ئىككىنجى قۇرۇلتاي،
دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى.
پارتىيىنىڭ نۇرلىرى،
ھەر تەرەپكە چېچىلدى.

دېگەندەك. ئۇنىڭ ئورنىغا

ھويلاڭدىكى ئۈژمەڭگە،
كاككۇك قونسا سايرايدۇ.
ساڭا كۆيگەن يۈرەككە،
چۆگۈن قويسا قاينايدۇ.

دېگەندەك مىسرا ئالماشسا دېگەن ئۈمىتىمەن.

دېمەكچىمەن، سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىز كۈچلۈك. شۇڭا شېئىرلىرىڭىزغا بالىلارچە تەسەۋۇرنى سىڭدۈرۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ، ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم. سىزنى قۇرۇقتىن-قۇرۇق ماختىيالمىغىنىمغا خىجىلمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 01:46
مەتتوختى بۇرادەر، شېئىر بالىلار تىلىدا يەڭگىل يېزىلغا ...

مېنىڭ يازمىلىرىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللىشىمدىكى مەقسىتىممۇ، دەل سىز ئېيتقاندەك،نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىشكە مۇھتاج بولغانلىقىمدىن....
ئەستايىدىل ئىنكاس-مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مەن چوقۇم دىققەت بىلەن، قايتا ئىشلەي....
رەھمەت سىلىگە قۇتيار ئەپەندىم

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 469
تۆھپە : 0
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 198
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 13:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بالىلار شېئىرلىرىڭىزدىكى شېرىي شەكىل، تىل، قۇرۇلما، ئىپادىلەش...قاتارلىقلار خۇددى ساغىرىپ پىشقان ناندەك ۋايىغا يەتكەن. شېئىرىي مىسرالاردا شېئىرىي مۇھىت يارتىش ئۈچۈن، تەسەۋۇرغا، بەدىئىي تىلغا يەنىمۇ كۈچەپ باقسىڭىز، سىزدىن بەك ياخشى شېئىرلارنىڭ چىقىدىغىنىغا مەن ئىشىنىمەن.(گەرچە بۇ تەلەپنى ئۆزەممۇ ئورۇندىيالمىساممۇ، كۆرگەندىكىن دەپ قويغۇم كەلدى)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 17:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 13:32
سىزنىڭ بالىلار شېئىرلىرىڭىزدىكى شېرىي شەكىل، تىل، قۇر ...

ياخشى تىلىكىڭىزگە، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزگە ئورتاقلىشالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم!.
...........
تىلەكلەر قۇتلۇق بولغان يەردە ئۈمىد نۇرى چوقۇم يالتىرايدۇ!

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش