ئىككى شېئىر
ئۈژمە پىشتى
ئاق ئۈژمە پىشتى،
قۇشلار كېلىشتى.
چوقۇلاپ شاختىن،
يەرگە تۆكۈشتى.
ئاق ئۈژمە پىشتى،
تۈۋىگە چۈشتى،
يېگەن بالىلار
پاھ-پاھ دېيىشتى.
ئاق ئۈژمە پىشتى،
قىزلار كېلىشتى،
ئېتەك-ياغلىقتا،
ئېلىپ كېتىشتى.
ئاق ئۈژمە پىشتى،
چوڭلار كېلىشتى.
ئىرغىتىپ ،يۇيۇپ،
تامشىپ يىيىشتى.
ئۈژمە تۈۋىدە،
خوشال كۈلۈشتى.
ياز نېئمىتىدىن،
ھوزۇر سۈرۈشتى...
(2013-يىلى 5-ئاينىڭ26-كۈنى)
ياز كەلدى
دىلنى يايرىتىپ،
ئىللىق ياز كەلدى.
ئېرىق-ئۆستەڭدە،
قاتار غاز كەلدى.
ئۆردەك- غاز بولۇپ،
قاتار ئېقىشىپ.
ئوينىدۇق خوشال،
سۇلار چېچىشىپ.
شوخلۇق قىلىشىپ،
كۆتۈردۇق غەۋغا.
قىرغاققا چىقىپ،
كۆمۈلدۇق قۇمغا...
ئەجەپ بەك راھەت،
يۇرتنىڭ ھاۋاسى.
سالقىن باغلاردا،
قۇشلار ناۋاسى.
شەھەرلىك دوستلار،
كەلگىن يۇرتۇمغا.
قىلىمەن مېھمان ،
باشلاپ بېغىمغا...
(2013-يىلى7-ئاينىڭ12-كۈنى)
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-22 20:07