تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
بۇلۇتنى سۆيگەندە قىزارغان شەپەق،
بىپايان ئاسمانغا ياياتتى ئېتەك.
شامالدا يەلپۈنۈپ ماڭلاي چاچلىرىم،
بىر لەزىز بەختتىن بېرەتتى دېرەك.
ياۋا گۈل ھىدىنى سۇنۇپ دىماققا،
ئىزغىرىن شاماللار ئۆتەر ئەركىلەپ.
ياندىشىپ كېلىمىز چىغىر يولدا بىز،
مۇھەببەت يۈرەكتە تۇرار چېچەكلەپ.
گۇگۇمدا يۇيۇنغان بۇلاق بېشىدا،
بارمىقىڭ كىرىشسە بارماقلىرىمغا.
بىر شېرىن سۆيگۈدە مەس بولغان ياپراق،
توختىماي شىۋىرلار قۇلاقلىرىمغا.
يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ سىرداشقاندا بىز،
ئاڭلىنار يۈرەكنىڭ دۈپۈلدەشلىرى،
يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ كۆزلەردە ئۇچقۇن،
بۇ بەلكىم يۈرەكنىڭ ئېچىرقاشلىرى.
بىپايان ئاسماندا ئۈزگەن تولۇن ئاي،
ھەۋەستە باقاتتى بىزگە تۇيدۇرماي.
لەۋلەردىن تامچىسا ۋىسال شەربىتى،
شوخلۇق قىپ كۆز قىسار سانسىز يۇلتۇزلار.
** ** ** **
ۋاقىتنىڭ چاقىغا يوگىشىپ يىللار،
ۋىسالغا باش قويۇپ ئۆتمەكتە ئىناق.
دىللاردا چوغسىمان شۇ گۈزەل چاغلار،
تۇمانلىق كۈنلەرگە يېقىپ نۇر چىراق.
2011-يىلى 22-دىكابىر،مايتاغ