يەسلى ئالدىدا
كەچ سائەت ئالتىدە
خىيال بىلەن سۆھبەتلەشتىم .
غېرىپلىقنى مىڭ تەستەك ئۇرغۇم كەلدى .
ھىچكىمگە دىيەلمەيدىغان -
دىمەيدىغان سۆزلەرنى
ئىچىمگە ئەسلا تىنىۋەتمىدىم ....
.....
ئۆز يۇرتتىكى مۇساپىرلىقتىن
قېرىنداشلار كۈلمەڭلار ھاي-ھاي ،
قەپەستىكى چىرايلىق قۇشتەك -
قاچانغىچە ئېيتارمىز ناي-ناي .
كوچىلاردا ئەركىن بىمالال
چۇقان سالغان مەن ئەمەس دوستلار ،
رەستىلەردە خوشال قىيغىتىپ
ئويناقلىغان مەن ئەمەس دوستلار .
بەلكىم ئۇلار نەسىللىك كۈچۈك
بەلكىم ئۇلار ئەتىۋار مۈشۈك .
مەن ـ
بېلىقدانغا ئامراق
يەمچۈكۈمگە تويماس بېلىجان .
سوسكا چىشلەپ مىياڭلاپ يۈرگەن
30 ياشلىق قورقۇنچاق ئاسلان .
ئىشىك ئالدىمدىكى يەسلى
كەلگۈسىدىكى بىغەملەر شەھرى .
غەمسىز ئويناپ
قورچاق ياساپ
شۇئار توۋلاپ
يۈرەر ئۇندا ـ
ئوغۇزخاندەك ئۆتكۈر كۆزلۈكلەر ،
ئايتېكىندەك ئاپئاق يۈزلۈكلەر .
...
ئاشۇ ئوماق قوزىچاقلارغا
جېنىمغىنا شوخ تايچاقلارغا
ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ،
بۇغراخاندەك دەرمان تىلەيمەن ،
ئايغىر ئاتتەك چاپچىسا دەيمەن ،
تەختى پۈتۈن شاھ بولسا دەيمەن ،
بەختى يورۇق تاڭ بولسا دەيمەن ،
كۆز تەگمىسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن
كۆز تەگمىسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن .
جەڭگاھلاردا چاپقان تۇلپار يوق ؟
ئاسمان تىمتاس كۆپكۆك قەبىلە .
ئاق چىچەكتە ھىچبىر ئاقلىق يوق ؟
زىمىن ئارا ئوينايدۇ ھىلە ....
2012-يىل 14-ئاپرىل تۈزىتىلدى. ( ئايچىن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 17:29