كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 0

ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1103
تۆھپە : 4
توردا: 398
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 12:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5555.jpg

    ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل  1937-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 60 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا،  2000پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئالتە پارچە داستان، 1000 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىي يېزىپ خەلققە سۇنغان؛ «زەرەپشان»، «زەرەپشان چېچەكلىرى»، «ھايات سۆيگۈسى»، «سىرلىق مۇھەببەت»، «كۆز تەگمىسۇن»، «رۇبائىيلار (ئىككى قىسىم)»، «تاللانغان يۈز رۇبائىي»، «ئۈزۈلمەس كۈيلەر»، «ئاق چېچەك»، «تاللانغان شېئىرلار»، «تۇرمۇش سۈرەتلىرى»، «ھايات ئالبومى»، «ئاتا سۆزى» قاتارلىق 13 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان؛ «ئانا تۇپراق» ناملىق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2000-يىلى سىچۈەندە نەشر قىلىنغان «جوڭخۇا شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مەملىكەت بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تەرجىمىھالى «جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر لۇغىتى»، «جوڭگۇ ئىقتىساسلىقلار ئەسر قامۇسى»، «دۇنيا مۇنەۋۋەر ئىقتىساسلىقلار قامۇسى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن.
    ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
ئاماشى + 100
مۇڭلان + 100 شائىرىمىزنىڭ تېنىگە س.

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 200   باھا خاتىرىسى

ئۆز ئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم،
سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ.
بىراق ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم،
ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش