ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ژۇرناللار باش مۇھەررىر، تەھرىرات باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىر، تەھرىرات باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ شۇيشىگودىكى ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزىدە ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرى غەيرەت ئاسىم، ئېركىش قۇرمانبەك قاتارلىقلار ۋە «تارىم»،«شۇغىلا»،«چولپان»،«قىرغىز ئەدەبىياتى»،«ئەدەبىي تەرجىمىلار»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«مۇرا»،«مىراس»قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىر، تەھرىرات باشلىقلىرى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ 18 كىشى قاتناشتى.يىغىندا رەئىس ئازات سۇلتان نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت، ژۇرنال خىزمىتى، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش،ئالاقە – ھەمكارلىق،پىلانلىق ھالدا ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش،ياش ئەدىبلەرنى تەربىيەلەش ھەققىدە مۇھىم، يېتەكچى خاراكتىرلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. غەيرەت ئاسىم، ئېركىش قۇرمانبەك قاتارلىقلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولىۋاتقان ژۇرناللار خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى ژۇرنال خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
|