مۇھەممەدئىمىن ئابلىزنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر
ئوكتاۋىئان پاز ئەسەرلىرىدىن
ۋېستىكا خانىم
ئۇ دېڭىز قىرغىقنى بويلاپ سەيلە قىلىپ يۈرمەكتە. يالىڭاچ، ۋايىغا يەتكەن قۇرام بەدەن. ئۇ بايىلا مۇنچىدىن ئايرىلدى، ئۇ بايىلا كېچە قوينىدىن تۇغۇلدى. ئۇنىڭ كۆكسىدە يازنىڭ جىسمىدىن بۇلاپ كەلگەن زىبۇ-زىننەتلەر كۆيۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۆۋەن بەدىنى قۇرۇپ كەتكەن، يېشىل چۆپلەر بىلەن توسۇلغان، ئۇ چۆپلەرنىڭ رەڭگى قارا رەڭگە ناھايتى يېقىن بولۇپ، يانار تاغنىڭ بويىدا ئۆسەتتى. ئۇنىڭ قورسىقىدا بىر تازقارا قاناتلىرىنى قاقماقتا، دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تۇغ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، دولقۇنسىز تىنىچ سۇ بار. ئۇ يىراقتىن، نەم دۆلەتتىن كەلگەنىدى. ئۇنى كۆرگەنلەردىن پەقەت نەچچە كىشىلا بار. مەن سىلەرگە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرەي: ئۇ يول بويىدىكى بىر پارچە تاشتۇر؛ ئۇ كېچىدە ئەرنىڭ يېنىدا ئېقىۋاتقان بىر دەريادۇر.
كېچىدىكى سەيلە
كېچە ئۆز بەدىنىدىن نەچچە سائەتلەرنى ئالدى. ھەر بىر سائەت يەنە بىر سائەتكە ئوخشىمىسمۇ، ئەمما ھەممىسى ناھايتى جىددى، سۈرلۈك ئىدى.ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ئاستا-ئاستا قارا رەڭگە كىرىپ قالىدىغان تاتلىق سۇ تامچىلىرى. بۇلاق پەقەت شەكىللا، خالاس. قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەن باغچىدىكى تاشلارنىڭ ئىچىدە شامال پىئانو چالماقتا. كوچا چىرىغى بوينىنى سوزۇدى، چۆرگىلىدى، ئۆچتى، ۋارقىرىدى. ئىددىيىنىڭ پارقىراقلىقىنى يوقىتىۋېتىدىغان ئەينەكلەر، ئىللىق ھاۋا يەنە تەكلپنامە: ئاھ، كېچە، سەن دۇنيانىڭ مەركىزىدىن ئۆسۈپ چىققان كۆرۈنمەس دەرەختىن چۈشكەن ۋە نۇرلىنىپ تۇرغان گىگانت ياپراقسەن.
دوقمۇشتىن قايرىلغان چىغىمدا مەن ئەرۋاھنى كۆردۈم: بىر قىز، تېگىپ كەتسىلا، ئۇ شۇھامان بىر دۆۋە غازاڭغا ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ بىر ناتونۇش ئادەم، ئۇ نىقابىنى ئېلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ يۈزى يوق ، ئەمما ساڭا تىكلىپ قاراپ تۇرىۋېرىدۇ؛ بىر رەققاس، ۋارقىرىغان ئاۋازنىڭ ئۇچىدا توختىماستىن پىرقىرايدۇ؛ «كىم؟»، «سەن كىم؟»«مەن قەيەردە؟» دەپ سوراۋاتقان ئاۋازلار؛ قۇشلارنىڭ سايرىشىغا ئوخشاش يول ماڭىدىغان ياش ئايال؛ كەمتۈك، ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن شېئىردەك ئاسمانغا قاراپ يېرىلغان ئىددىيىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن تۇپرىقى... ياق، ھېچكىم سېنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، چۈشلەرنىڭ قورۇقىدا سېنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
دوقمۇشتىن قايرىلغان چىغىمدا، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تۈگەپ، تاشلار باشلاندى. سەندە ھېچنەرسە يوق، سېنىڭ قۇملۇققا سوۋغا قىلغۇدەك ھېچنەرسەڭ يوق: ھەتتا بىر تامچە سۇ ياكى بىر تامچە قان. سەن كۆزۈڭنى ئېتىپ قويۇپ، كارىدۇر، مەيدان، كوچىلارنى بويلاپ مېڭىپ كەلدىڭ. كوچىدا ئۈچ دانە يۇلتۇز سۇيقەسىت پىلانلاۋاتاتتى. دەريالار پەس ئاۋازدا پىچىرلىشىۋاتاتتى. سېنىڭ سول تەرىپىڭدىن، ئوڭ تەرىپىڭدىن، ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىڭدىن نومۇسسسىزلارچە كۇسۇرلىشىۋاتقان ۋە كۈلىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلاندى.مونۇلۇگلار ۋارقىرىغان ئاۋازى، سوئاللىرى ۋە سېگناللىرى، ئالىيجاناپ تۇيغۇلىرى، سۆيۈشكەن چېغىدىكى i ھەرىپىنىڭ چېكىتى، زارلاۋاتقان تۈگمەنلىرى ۋە بىر يەرگە دۆۋېلىشىپ تۇرغان پۇچۇق ئەينەكلىرى بىلەن ھەر قەدەمدە سېنى كۆزىتىپ تۇراتتى. داۋاملىق مېڭىۋەر، ئۆزۈڭڭە بىر نەرسە دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.
......
ئەدۇنىس
ئېتىشىم ئىشىكنى،
شادلىقنى قاماش ئۈچۈن ئەمەس،
ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەسرەتنى بەلكى.
ئۇ دېدى: ئاي كۆلدۇر، مۇھەببىتىم قولۋاق.
بۇنىڭغا ئېشەنمىدى لېكىن قىرغاق.
كۈندۈز سۆزلىيەلىسە ناۋادا،
چوقۇم تۈننىڭ بەختىنى قىلار جاكا.
قىش غېرىبلىقتۇر،
ياز ھېجراندۇر،
باھار ئارىسىدا كۆۋرۈك،
پەقەتلا كۈز قىلغان ھەممە پەسىلنى مۇجەسسەم.
كۈندۈز ئەسلا ئۇخلىماس،
ئەگەر تۈن باغرىدا ياتماس.
شامال ئۈگەتمەك بولۇر سۈكۈتنى،
ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ تۇرۇپ.
يالغۇزلۇقۇم بىر باغچا،
بىر تۈپلا دەرەخ ئۆسكەن ئەمما.
بەزى چاغدا،
قۇياش سېنى يورۇتالماس،
پۈتۈنلەي يورۇتۇپ كېتەر بىر تال شام ئەمما.
يالغۇز ئەر: قانات؛
يالغۇز ئايال: سۇنغان قانات.
بوپتۇ، يالغۇزلۇقۇمدىن ۋاز كېچەي،
لېكىن نەگە بارايمەن؟!
چۈشەندىم:
يورۇقلۇقنىلا چۈشەيدىغان كىشىلەر
نېچۈن گاھى زۇلمەتنى كۈيلەر.
ئايال:
ياش تۆكەلەيدىغان بۇلۇت.
ئۈمىدسىزلىكنىڭ باردۇر قولى،
لېكىن تۇتالايدۇ پەقەت
ئۆلۈك كېپىنەكنى.
مۇھەببەت - دەقىقىدىكى مەڭگۈلۈك،
نەپرەت - مەڭگۈلۈك دەقىقە.
ئىنساندىن باشقا
ھەممە نەرسە ئۆلۈمگە قاراپ ماڭسا،
ئۆلۈم ئادەملەرگە مېڭىپ كېلەر.
ئەڭ يىراقتىكى نۇر،
ئەڭ يېقىندىكى زۇلمەتتىنمۇ بەكرەك يېقىندۇر بىزگە:
ئارىلىق، دائىم بىر ئەپسانە.
شادلىقنىڭ قانىتى بار،
تېنى يوق؛
ھەسرەتنىڭ تېنى بار،
قانىتى يوق.
يۈكۈنسەڭ ئېرىشكىنىڭ زۇلمەت،
قەددىڭنى تىك تۇتساڭ يورۇقلۇق.
گۈللەر كۆزلەردىكى پەسىل،
خۇشپۇراق يۈرەكتىكى.
شۇنداق، يۈكۈنەر زىيامۇ،
پەقەتلا يەنە بىر زىيا ئالدىدا.
زۇلمەت تۇغۇلما پالەچتۇر،
زىيا تۇغۇلۇشى بىلەنلا مېڭىپ كېتىدۇ.
تىل داتلىشار كوتۇلداشتىن،
كۆز داتلىشار ئارزۇلار يوقلۇقىدىن.
تاش ئۆلمەس،
چۈنكى ئۇ ئۆلۈكتەك ياشايدۇ، بەس!
ۋاقىت:
لەيلەيدۇ شادلىق ئىچىدە،
چۆكىدۇ ھەسرەت ئىلكىدە.
ئەڭ يورۇق چاقماق
كەلگەندۇر يۈرەكتىن؛
يۈرەكتىن كېلەر يەنە
ئەڭ قاپقارا بۇلۇتلار.
مەيلى سەن قانچە غالجىرلاش،
سېنىڭ غالجىرلىقىڭ،
ئۆزگەرتەلمەس بۇ دۇنيانى.
مۇھەببەت - ئۆتمۈشتىكى قەدىمىمىز،
ئۆتمۈش - قارا يەر ئاستى كىرىدىغان بىز.
ئەدۇنىسنىڭ«يالغۇزلۇقۇم بىر باغچا» ناملىق خەنزۇچە توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
گۇ چېڭ شېئىرلىرىدىن
كۈتۈش
دۇنيا ھۆل بوپ كەتتى
يۇلتۇزلار شۇنچىلىك يورۇقكى ئادەمنى قورقىتىدۇ
كۈنلۈكۈمنى يىغىۋالدىم
يىغىۋالدىم ھەم يامغۇر ياغدۇرۇۋاتقان بۇلۇتلارنى
ۋاقىت نۆلگە قايتىپ
كۆتۈرمەكتە تەڭرىنىڭ پۇتىنى
سەن تېخىچە كەلمىدىڭ
مەن تېخىچە كۈتمەكتىمەن ...
قېرى دەرەخ
قېرى دەرەخ
قېرىدۇر شۇنچە
قارىلىقىدىن ئادەم قورقۇتار كېچىدە
بىزنى قورقۇتماقتا
بىز يېقىن، بىز شۇنچىلىك يېقىن
ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالدى
«سېنىڭ موماڭنى تونۇيمەن
سېنىڭ بوۋاڭغا ئېيتىپ قويىمەن
ھىم - خەپشۈك!»
بىز گەپ قىلمىدۇق
گويا ئىككى كىچىك بالىدەك
بىز جىم تۇرۇپ ئاڭلىدۇق
كېچىدە قايتىش
زېمىن قاراڭغۇ ھەم تېنىچ
پەقەت بىر قاتار يولچىرىغى ئېشىپ قالغان
يېقىملىق ھەم مۇدھىش دەرەخ سايىسى
توسۇۋالدى كوچا يېنىدىكى چېغىر يولنى
مېنىڭ يۈرىكىم ئوتتا كۆيۈپ يەنە مۇزلىدى
تۈندىكى ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ ئۈمىد
ساقلىنىش
سەن گۈل تېرىشكە ئۇنىمىدىڭ
سەن ئېيتتىڭكى:
«كۆرۈشنى خالىمايمەن
گۈللەرنىڭ بىر-بىرلەپ توزۇپ كېتىشىنى»
شۇنداق
ئاخىرلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن
سەن بارلىق باشلىنىشتىن ساقلىنىپ قالدىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-5 03:12