دېڭىز يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 21:22
ئۇكام ئۆمەر ، شائىرنىڭ يازغان شېئىرىدا مىللىي پۇراق ب ...
ئۇسلۇپ يېڭىلاشنى مەنمۇ قوش قوللاپ قوللايمەن. يېڭىچە سۆز تۈزۈشنىمۇ ھەم شۇنداق. لىكىن، ئۆزگەرسە بولمايدىغىنى پۇراق. كۆزدە تۇتىدىغىنىم، دېڭىز بويلىرىغا مۇھەببەت باغلاش ئەمەس، تەكلىماكان بويلىرىغا مۇھەببەت باغلاش. كوكۇس دەرىخىگە مۇھەببەت باغلاش ئەمەس، ئەنجۈر دەرىخنىگە مۇھەببەت باغلاش. يەنە كېلىپ، يۇقىرىدا تەكىتلىگەنگە ئوخشاش تەكلىماكان بويلىرىغا، ئالما دەرىخىگە باغلانغان مۇھەببەت، تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاۋاتقان، ئالما دەرىخنى ئۆستۈرۋاتقان شۇ كىشلەرنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى، تىل ئىشلىتىشنى چىقىش قىلىش. تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاشقا بولىدۇ، ئەمما، پۇراقنى يوقتىپ قۇبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. پۇراقنىڭ يوقلىشى تەپەككۈر ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ياسايمەن دەپ چوڭ سەكرەشنىڭ نەتىجسى.
دۇنياۋىلىققا ئىگە بولغان شېئىرلارنىڭ ھەممىسى شۇلار تۇرىۋاتقان مۇھىتنىڭ پۇرىقىدىن كەلگەن.
ئەسكەرتىدىغىنىم، مەن پەقەتلا ئۆز پىكىرىمنى ۋە ئويلىغانلىرىمنى تۈزلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم. مۇھەممەد ئىمىنگە ئۇنداق ياز، مۇنداق ياز دېگۈدەك يەردە ئەمەسمەن(سەۋىيەم ئۇنىڭدىن خېلىلا تۆۋەن). ھەم قازىلىق قىلىدىغان يەردە تېخىمۇ ئەمەسمەن. خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالمىسۇن!