ئىگىسى: abdurexit eli

مۇھەممەتئىمىن ئابلىز كىم؟ (34)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-27 03:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت ئەركىنلىكىكە سوغۇق سۇ سەپمەيلى دۇستلار. ئەڭ ياخشى باھا بەرگۇچى ۋاقىت ۋە كەڭ ئوقۇرمەن. قېنى شۇلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۇپ باقسۇن.

ۋاقتى: 2013-7-27 21:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق ھەر خىل پىكىر ئىچىدە بۇ شائىرغا ئىپادە بىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ غەلبىسى . چۇنكى ، ئۇ خەنزۇ تىلىدا شېئىر يېزىپ مۇئەييەن نەتىجە قازىنىپتۇ . بۇ ئۇنڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئامىتى . بۇ ئامەت ئۇنىڭ خەنزۇچە نەشىر ئەپكارلىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ شېئىرنىڭ ئۇلارغا ياققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر . ئۇ ھەر خىل شەكىلدىكى شېئىرلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئۇچۇرۇشۇپ بىلىپ - بىلمەي بەزى شەكىللەرنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرغان بولۇشى مۈمكىن ، بۇ تەببىي ئەھۋال ، بىز ئۇنىڭغا ئۇنداق ياز ، مۇنداق ياز دېمىسەكمۇ ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ مىللى پۇراقنىڭ ھىدىغا چىدىماي قالىدۇ . چۇنكى ئۇ گۇمىدەك قەدىم يۇرتنىڭ بالىسى ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يەنىلا مۇكۇلا ، سانجۇدەك يۇرتلارنىڭ تىنىقى بار ئەمەسمۇ ؟ ئۇ شېئىرنى خېلىلا چۇشۇنۇپتۇ ، ئۇنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر بازىرى ›› دېگەن شېئىرى ئۇنىڭ روھىنى ئىپادىلەپتۇ . مەن ئۇنىڭ دادىللىقىغا تېخىمۇ سەگەكلىكنى ، روھىغا چىدام بىلەن غۇرۇرنى تىلەيمەن . شائىر ئىنىم ! قوش تىللىق ئىجادىيەت بىلەن تاڭنى قۇچاغلىشىڭىزنى تىلەيمەن . ئامان بولۇڭ ...

ۋاقتى: 2013-9-5 20:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شېئىرلاردىن، تەرجىمىدىن، شۇنداقلا كىچىك ئىنىمىز مۇھەممەتئىمىننىڭ تەپەككۇرى، يېشىدىن چوڭ ئەقلى، زېھنى،تۇيغۇسى، تەسەۋۋۇرىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم.
  ھەربىر مىسرالىرىدىن تېمىپ تۇرغان، پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق بىر يۈرەكنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە‹ئاللاھىم ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق، بەرىكەتلىك قىلسۇن› شېئىرىيەت ئاسمىنىمىزدىكى ھەر تەرەپتىن تەڭ يىتىشكەن شائىر بولىدىغانلىقنى، ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى تىتىرەتكۈدەك، روھىمىزغا زىلزىلە سالالىغۇدەك ئەسەرلەرنى، تەرجىمە، ماقالىلەرنى يازالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
  سالامەت بولغايسىز .

ۋاقتى: 2013-12-10 22:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېڭىز يوللىغان ۋاقتى  2013-7-5 21:22
ئۇكام ئۆمەر ، شائىرنىڭ يازغان شېئىرىدا مىللىي پۇراق ب ...

«شائىرنىڭ يازغان شېئىرىدا مىللىي پۇراق بولىشى بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، يېڭى نەرسە  بولىشى ، ھەر بىر شېئىرىدا چوقۇم ھېچ بولمىغاندا بىر يېڭى سۆز بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم.»   بۇ گەپلەرنى كۆرۈپ خۇددى تۇغۇلغان بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، بالا سالامەت تۇغۇلۇپ نوپۇسنى كۆپەيتكەن بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم دېگەندەك بىر گەپلەرنى ئويلاپ قالدىم، ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم

ۋاقتى: 2013-12-10 23:28:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  ئىنىمىز توغرىلىق  ژورنالدا ئېلان قىلىنغان تېمىلاردىن  ھەممىنى بىلگەن  ئىدىم،شۇندىن كىيىن تۇنۇشۇش ئىستىكىم  قوزغالغان  ئىدى.مانا  تۇنۇشتۇم،پىكىرلەشتىم.
ئەمدىلا ياشلىق بۇغۇسىغا  كىرگەن  مەسۇمنىڭ  «قايتىش» دىگەن  شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىقى  يەنە  كىلىپ خەنزۇ تىلىدا يىزىلغانلىقى  بۇ  ياشنىڭ  جاسارەتلىك، تىرىشچان ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
مەن  بۇ ئىنىمىزنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-12-16 22:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكىمىز مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇق تىلەيمىز.

ۋاقتى: 2014-5-25 10:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدئىمىننىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىلمەن  .ياش تۇرۇپ كۆپ نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۇرپتۇ.

ۋاقتى: 2015-7-6 18:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجاديىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش