تەنھا تۇيغۇلار
ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئاۋازدا : نۇربىيە تۆمۈر
مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى : يانغىن , ئابدۇقەييۇم
تەنھا تۇيغۇلار
مەن سىغىنىش رىشتىشىدىن كەشتىلەنگەن رەڭدار ھىسلاردا كۈڭۇل خاتىرەمنىڭ تۇنجى بىتىگە سىنىڭ ئىسمىڭنى يىزىپ قويدۇم ...
مەن تەنھا ھېسلارغا چۈمۈلۈپ ئادەملەر دېڭىزىدىن خۇددى يىڭنە ئىزدىگەندەك سېنى ئىزدەيتتىم ، كېچە -كېچىلەپ يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايتتىم .
ئىزدەيتتىم ،ئىزدەيتتىم ، پەسىللەردىن سېنى سورايتتىم . قېرىشقاندەك سېنى زىنھار تاپالمايتتىم ، قەلبىم چىدىغۇسىز ئازابلارغا تولاتتى . شۇڭا سەن بۇ دۇنيادا ، مۇشۇ رىئال ھايات قوينىدا مەۋجۇت ئەمەستەك تۇيۇلاتتىڭ .ھالبۇكى يۈرىكىمنىڭ رامكىسىغا مۇقەددەس ئوبرازىڭ سىزىلغان بۇلۇپ ،ئۇ مېنى ئارامىدا قويماي داۋاملىق ئىزدەشكە ئۈندەيتتى . مەن ئازاب ئىلكىدە پۇچۇلىناتتىم ...
مەن سۆيگۈ بابىدا مىسالى بىر سەرسان تىلەمچى ئىدىم ، سېنىڭ ماڭا سۆيگۈ بېرىشىڭنى تىلەيتتىم ، سەن بولساڭ بۇ تىلەمچىنىڭ دەرۋازاڭدىن كىرىۋېلىشىغا يول قويمايتتىڭ ،ئەسەبىي سۆيگۈ ئادەمنى غەلىتە ، سەۋدايىدەك قىلىپ قويىدىكەن . مەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە ئىنتىزار بۇلۇپ بارلىق جۈرئىتىم بىلەن بۇ دەرۋازىنى توختىماي چىكەتتىم .
سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈلۈم ھىسابلايمەن ، چۈنكى سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن ئەقلىمنى يوقىتىپ ، راستىنلا بىر سەۋدايىغا ياكى بىر تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالغانىدىم . مېنىڭ ھاياتىم ، ھۆرمەت ، غايە ، ئېتىقاد ، ھەممە -ھەممىسى مېنىڭ ئاشۇ ساڭا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىمگە سىڭىپ كەتكەنىدى . سەن قەلبىمدىكى بىردىنبىر ھۈكۈمران ، شاھىنشاھ ئوبراز ئىدىڭ .
قامۇسىڭنى ماڭا بەر ! سەن مېنىڭ جىسمىمنىڭ ھۈكۈمرانى ، بۇ دۇنيادا ھېچنەرسە سېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى باسالمايدۇ ، كۆز ياشلىرىمنى بارماقلىرىڭ بىلەن ئاستاغىنە سۈرتۈۋەت ، قەلب دەرۋازاڭنى مەن ئۈچۈن كەڭ ئېچىۋەت ! تەنھالىقىم دادىل قەدەملەر بىلەن تەنھالىقىڭغا قۇشۇلۇپ كەتسۇن ...
چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://www.yanghin.com/nahxa/Tanha.mp3