كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 10

تەنھا تۇيغۇلار ( ئاۋازلىق ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەنھا تۇيغۇلار




ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئاۋازدا : نۇربىيە تۆمۈر
مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى : يانغىن , ئابدۇقەييۇم




تەنھا تۇيغۇلار  
  




مەن سىغىنىش رىشتىشىدىن كەشتىلەنگەن رەڭدار ھىسلاردا كۈڭۇل خاتىرەمنىڭ تۇنجى بىتىگە سىنىڭ ئىسمىڭنى يىزىپ قويدۇم ...
مەن تەنھا ھېسلارغا چۈمۈلۈپ ئادەملەر دېڭىزىدىن خۇددى يىڭنە ئىزدىگەندەك سېنى ئىزدەيتتىم ، كېچە -كېچىلەپ يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايتتىم .
ئىزدەيتتىم ،ئىزدەيتتىم ، پەسىللەردىن سېنى سورايتتىم . قېرىشقاندەك سېنى زىنھار تاپالمايتتىم ، قەلبىم چىدىغۇسىز ئازابلارغا تولاتتى . شۇڭا سەن بۇ دۇنيادا ، مۇشۇ رىئال ھايات قوينىدا مەۋجۇت ئەمەستەك تۇيۇلاتتىڭ .ھالبۇكى يۈرىكىمنىڭ رامكىسىغا مۇقەددەس ئوبرازىڭ سىزىلغان بۇلۇپ ،ئۇ مېنى ئارامىدا قويماي داۋاملىق ئىزدەشكە ئۈندەيتتى . مەن ئازاب ئىلكىدە پۇچۇلىناتتىم ...
مەن سۆيگۈ بابىدا مىسالى بىر سەرسان تىلەمچى ئىدىم ، سېنىڭ ماڭا سۆيگۈ بېرىشىڭنى تىلەيتتىم ، سەن بولساڭ بۇ تىلەمچىنىڭ دەرۋازاڭدىن كىرىۋېلىشىغا يول قويمايتتىڭ ،ئەسەبىي سۆيگۈ ئادەمنى غەلىتە ، سەۋدايىدەك قىلىپ قويىدىكەن . مەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە ئىنتىزار بۇلۇپ بارلىق جۈرئىتىم بىلەن بۇ دەرۋازىنى توختىماي چىكەتتىم .
سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈلۈم ھىسابلايمەن ، چۈنكى سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن ئەقلىمنى يوقىتىپ ، راستىنلا بىر سەۋدايىغا ياكى بىر تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالغانىدىم . مېنىڭ ھاياتىم ، ھۆرمەت ، غايە ، ئېتىقاد ، ھەممە -ھەممىسى مېنىڭ ئاشۇ ساڭا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىمگە سىڭىپ كەتكەنىدى . سەن قەلبىمدىكى بىردىنبىر ھۈكۈمران ، شاھىنشاھ ئوبراز ئىدىڭ .
قامۇسىڭنى ماڭا بەر ! سەن مېنىڭ جىسمىمنىڭ ھۈكۈمرانى ، بۇ دۇنيادا ھېچنەرسە سېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى باسالمايدۇ ، كۆز ياشلىرىمنى بارماقلىرىڭ بىلەن ئاستاغىنە سۈرتۈۋەت ، قەلب دەرۋازاڭنى مەن ئۈچۈن كەڭ ئېچىۋەت ! تەنھالىقىم دادىل قەدەملەر بىلەن تەنھالىقىڭغا قۇشۇلۇپ كەتسۇن ...  






چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://www.yanghin.com/nahxa/Tanha.mp3



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-13 22:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا بىلەن ئاۋاز بىرىكىپ تىخىمۇ تارتىملىق بوپ كېتىپتۇ بۇ نەسىرلەر

ۋاقتى: 2012-4-13 23:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇنبەرداشلىرىمىزغا ئۆزگىچە  زوق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان «ئاۋازلىق ئەسەرلەر» سەھىپىسى ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەجرىدىن تېخىمۇ يېقىملىق كۈي-ناۋالار ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرغاي.

ۋاقتى: 2012-4-13 23:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرمۇ بەك ياخشى يېزىلغانكەن، ئاۋاز غا ئېلنىپ،  تېخىمۇ يېقىشلىق بولۇپ كېتىپتۇ، نۇربىيەنىڭ چىرايلىق ئاۋازىغا كۆز تەگمىسۇن، كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكىلار  كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن. بەكلا ماسلىشىپ كېتىپتۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ مول ئىلھام تىلەيمەن ئىنىم.

ۋاقتى: 2012-4-14 12:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا ، ئاۋاز ، نەسىر ھەممىسىنى بەك ياقتۇردۇم ، ئاۋازىڭىز يېقىملىقكەن ،تېخىمۇ يېقىملىق بولۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-15 15:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ ئاددى ھويلامغا باسقان قەدىمىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-18 14:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ مەيلى تىكىستى بولسۇن مەيلى مۇزىكىسى بولسۇن ماڭا باشقىچە تۇيغۇ بەردى.ئەسەر ئاپتورىغا ۋە ئاۋاز ئېلىشقا قاتناشقۇچىلارغا بارىكاللا

ۋاقتى: 2012-4-25 23:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرەت چىكىپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشنى سۈرتۈپ قويىدىغانغا ئادەم بولمىسا، شىكەستىلەنگەن يۈرەكلەرنى ئىللىق قوللار بىلەن بوش سىلاپ ئۇنىڭدىكى جاراھەتلەرگە شىپالىق بىرىدىغان ئىنسان چىقمىسا،بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھالى قانداق ئېچىنىشلىق-ھە؟!

ۋاقتى: 2013-5-29 19:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-5-29 20:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەندەك ئىش بوپتۇ! نەسىرنى يازغان،ئاۋازغا ئالغان،ۋە مۇزىكا كىرىشتۈرگەن مېھنەتكەشلەرگە بارىكاللا!

ۋاقتى: 2013-10-5 17:47:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ  بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئەسەر ئاپتورىغا ۋە بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق يېقىشلىق ئوقۇپ بەرگەن نۇربىيەگە ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش