كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 9

ئانامنىڭ بارماقلىرى (ئاۋازلىق ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 617
تۆھپە : 1
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 21:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانامنىڭ بارماقلىرى






ئاپتۇرى : گۈلباھار ئەزىز
ئاۋازدا : نۇربىيە تۆمۈر

مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى : يانغىن ، ئابدۇقەييۇم



چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.yanghin.com/nahxa/AnamnigBarmakliri.mp3




ئانامنىڭ بارماقلىرى



سەھىرى  چىرايلىق باشلانغان بۇ كۈن ئەتە قايتا كەلمەيدۇ .شۇڭا  سېنىڭ قوللىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان  مۇشۇ دەقىقەمگە زادى قانمايمەن .
تەستە ئېلىۋاتقان قەدەملىرىڭدە ماڭا  خاتىرە قىلغان داستان پۈتۈلگەن . ھەر –بىر قەدىمىڭ گويا مېنىڭ بىر كەچمىشىم .جىمجىتلىغىڭدا  ئەبىدىلىك  گۈزەللىك بار ،خۇددى ھېكمەتكە تولغان  ئوكياندەك .
تەبەسسۇملىرىڭدا  مېنىڭ ھايات گۈلشەنىم باراخسانلايدۇ . شات كۈلكىلىرىڭدە  مېنىڭ ھايات بۇلىقىمدىكى  ئابى كەۋسەرلەر  تاشقىن ياسايدۇ . ئاقارغان چاچلىرڭغا  ھايات قىسمەتلىرىڭ زەخمەك بۇلۇپ ئۇرۇلۇپ  ،شۇنچە مۇڭلۇق بىر  سادا يىراق-يىراقلارغا تارايدۇ .لەۋلىرىمدە  سەن بەرگەن ئۇغۇز سۈتىنىڭ تەمى بار ، يۈرۈكىمگە  سەن ھۈرۈپ قويغان ئادىمىيلىك  تۇمۇرلىرىمدا قانات ياسايدۇ .
     سېنى بىلىدىغانلار  ‹‹ئاجايىپ  تۈرگۈن ئايال ئىدى ››دەيدۇ. ئاشۇ تۈرگۈنلىكىڭ   مېنى ھايا، ئىنساپ بىلەن ئېتقادقا ئۈندەيدىغىنىنى ھەممە بىلىدۇ . مەن  سەن ھەم دادامنىڭ بۇ دۇنيادا  ياشاپ باققانلىغىنىڭ گۇۋاھچىسىمەن، مەن بۇ دۇنيادا ،سېلەر ھايات  گۈلشەنىڭلەردە  ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلغان پەقەت بىر تاللا‹‹ كۈندە باھارىڭلار›› مەن.
  تارىشتەك قاتقان بارماقلىرىڭنى سىلاۋىتىپ كۈزۈمگە ياشلار كەلدى .‹‹ بىر چاغلاردا  نازۇك بارماقلار ئىدى ›› دەپ .‹‹ بۇ قوللاردىن نۇرغۇن مەئىشەتلەر پۈتۈپ چىققان ئىدى›› دەپ .
ساڭا ھاردۇق يەتتى ئانا ، بىلىمەن سەن  چارچىساڭمۇ ، ھەممىنى ئۇنۇتساڭمۇ ، چېچىمنىڭ رەڭگىدەك قاراڭغۇ كېچىلەردە ،يوللۇرۇمغا نۇر زىيا تىلەشنى  ئۇنۇتمايسەن ، مەندىن ئەنسىرەپ چارچىمايسەن . قېنى ئەكەل  قوللىرىڭنى جېنىم ئانا ،ئەتىگە قاراپ ئاقايلى ،قۇياشنىڭ ئىللىقلىقىغا پاتايلى .



idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 464
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 22:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئوقۇلۇپتۇ . ئەسەرنى ئوقغاندا مىكرافۇن بىلەن ئارلىقىڭىزنى تەڭشەڭ ، مىكرافۇن سۈزگۈچى يوق ئوخشايدىگەن ، نەپەسنىڭ ئاۋازى سەل كىرىپ قاپتۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 666
تۆھپە : 0
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 22:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىر ئەسلىدىنمۇ بەكلا ياخشى ئىدى،  گۈل باھارنىڭ گۈزەل تۇيغۇلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولمىش بۇ نەسىرلەر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەر قېتىم ئوقۇسا ئوخشىمىغان ھوزۇرلارنى ئاتا قىلاتتى، مانا ئەمدى نۇربىيە تاتلىق ئاۋازى بىلەن ئوقۇپ تېخىمۇ جەزبىلىك قىلىۋېتىپتۇ.

huxhuy ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 22:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار  باپكەن جۇمۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە.تۇنساگۈلمۇ شۇنداق ئېسىل دېكلىماتسىيە قىلىدۇ شېئىرلارنى. سىزمۇ بۇ نەسىرنى ئوبدان ئوقۇپسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  455
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 96
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 23:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھدى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 22:19
ياخشى ئوقۇلۇپتۇ . ئەسەرنى ئوقغاندا مىكرافۇن بىلەن ئارل ...

ئىستانسىمىزنىڭ ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدە ئاۋاز سۈزگۈچ، ئاۋاز تەڭشەش تاختىسى (调音台) دېگەن نەرسىلەر يوق، مىكرافۇن كومپىيۇتېرنىڭ ئاۋاز كارتىسىغا بىۋاستە ئۇلانغان.
مەن گۈلناز ئوقۇغان نەسىرلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ بولۇپ، سۆز ئارىسىدىكى نەپەس ئاۋازىنى چىقىرىۋىتىپ ئاڭلاپ باقتىم، يەنىلا نەپەس ئاۋازى بار ھالەتتە ياخشىراق، ھېسىياتلىقراق ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن نەپەس ئاۋازىنى ساقلاپ قالدىم.
كېلەر قېتىم ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلىگەندە مىكرافۇننى يىراقراق قويايلى.


ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈ

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2194
تۆھپە : 4
توردا: 343
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرنى ئاڭلاپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىمغۇ؟

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  597
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 171
تۆھپە : 6
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 15:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازغىمۇ   ياخشى ئېلىنىپتۇ ،مۇزىكىلارمۇ ياخشى كىرىشتۈرلۈپتۇ  .رەھمەت ئەجرىڭلارغا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqeqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 17:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  474
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 17:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تاتلىق ئاۋاز.تاتلىق لىرىكا ...

سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۈمۈرنى،ئالتۇن بىلەن ئەپ كەپ بولماس يانغان كۆڭۈلنى .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 617
تۆھپە : 1
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 15:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ قەدىمىگە مەرھابا.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1803
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5747
تۆھپە : 0
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 18:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدى مەكتەپتە ئاڭىلاۋتقانىدەك مەكتەپىكە يەنە قايتىقانىدەك  ساۋغىداشلىرمىز بىلەن شۇ يىقىمىلق ئاۋازىڭىزنى  ئاڭىلىغانىدەك  ھېس قىلۋاتمەن  ..

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش