ئانامنىڭ بارماقلىرى
ئاپتۇرى : گۈلباھار ئەزىز
ئاۋازدا : نۇربىيە تۆمۈر
مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى : يانغىن ، ئابدۇقەييۇم
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.yanghin.com/nahxa/AnamnigBarmakliri.mp3
ئانامنىڭ بارماقلىرى
سەھىرى چىرايلىق باشلانغان بۇ كۈن ئەتە قايتا كەلمەيدۇ .شۇڭا سېنىڭ قوللىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان مۇشۇ دەقىقەمگە زادى قانمايمەن .
تەستە ئېلىۋاتقان قەدەملىرىڭدە ماڭا خاتىرە قىلغان داستان پۈتۈلگەن . ھەر –بىر قەدىمىڭ گويا مېنىڭ بىر كەچمىشىم .جىمجىتلىغىڭدا ئەبىدىلىك گۈزەللىك بار ،خۇددى ھېكمەتكە تولغان ئوكياندەك .
تەبەسسۇملىرىڭدا مېنىڭ ھايات گۈلشەنىم باراخسانلايدۇ . شات كۈلكىلىرىڭدە مېنىڭ ھايات بۇلىقىمدىكى ئابى كەۋسەرلەر تاشقىن ياسايدۇ . ئاقارغان چاچلىرڭغا ھايات قىسمەتلىرىڭ زەخمەك بۇلۇپ ئۇرۇلۇپ ،شۇنچە مۇڭلۇق بىر سادا يىراق-يىراقلارغا تارايدۇ .لەۋلىرىمدە سەن بەرگەن ئۇغۇز سۈتىنىڭ تەمى بار ، يۈرۈكىمگە سەن ھۈرۈپ قويغان ئادىمىيلىك تۇمۇرلىرىمدا قانات ياسايدۇ .
سېنى بىلىدىغانلار ‹‹ئاجايىپ تۈرگۈن ئايال ئىدى ››دەيدۇ. ئاشۇ تۈرگۈنلىكىڭ مېنى ھايا، ئىنساپ بىلەن ئېتقادقا ئۈندەيدىغىنىنى ھەممە بىلىدۇ . مەن سەن ھەم دادامنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاپ باققانلىغىنىڭ گۇۋاھچىسىمەن، مەن بۇ دۇنيادا ،سېلەر ھايات گۈلشەنىڭلەردە ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلغان پەقەت بىر تاللا‹‹ كۈندە باھارىڭلار›› مەن.
تارىشتەك قاتقان بارماقلىرىڭنى سىلاۋىتىپ كۈزۈمگە ياشلار كەلدى .‹‹ بىر چاغلاردا نازۇك بارماقلار ئىدى ›› دەپ .‹‹ بۇ قوللاردىن نۇرغۇن مەئىشەتلەر پۈتۈپ چىققان ئىدى›› دەپ .
ساڭا ھاردۇق يەتتى ئانا ، بىلىمەن سەن چارچىساڭمۇ ، ھەممىنى ئۇنۇتساڭمۇ ، چېچىمنىڭ رەڭگىدەك قاراڭغۇ كېچىلەردە ،يوللۇرۇمغا نۇر زىيا تىلەشنى ئۇنۇتمايسەن ، مەندىن ئەنسىرەپ چارچىمايسەن . قېنى ئەكەل قوللىرىڭنى جېنىم ئانا ،ئەتىگە قاراپ ئاقايلى ،قۇياشنىڭ ئىللىقلىقىغا پاتايلى .