كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 0

زۇلفىيە ئابدۇراخمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1737
تۆھپە : 78
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 17:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

jpj.jpg


زۇلفىيە ئابدۇراھمان  1973-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1995-يىلى قەشقەر پىداگۇكىكا ئونۋېرستىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات  كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان . ھازىر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى ،تەشۋىقات ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .1987- يىلى « ئاقسۇ  گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «غايە  -بەخت مۇنبىرى » نامىلىق نەسىرى  بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قېتىلغان.1999-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ  يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇپ قۇبۇل قىلىنغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى  »،«تارىم »،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ ياشلىرى  »،«شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى» « ئاقسۇ گېزىتى »،« ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى »،« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »... قاتارلىق ھەر قايسى گېزىت- ژورناللاردا 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، نەسىر ، ھېكايە ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.« ئەمدى بەسلەشمەيمەن» ناملىق ھېكايىسى 1991-يىلى شىنجاڭدىكى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .  « تىنىمسىز يامغۇر » ناملىق ھېكايىسى 2002-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان .


مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش