زۇلفىيە ئابدۇراھمان 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1995-يىلى قەشقەر پىداگۇكىكا ئونۋېرستىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان . ھازىر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى ،تەشۋىقات ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .1987- يىلى « ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «غايە -بەخت مۇنبىرى » نامىلىق نەسىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قېتىلغان.1999-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇپ قۇبۇل قىلىنغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى »،«تارىم »،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ ياشلىرى »،«شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى» « ئاقسۇ گېزىتى »،« ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى »،« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »... قاتارلىق ھەر قايسى گېزىت- ژورناللاردا 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، نەسىر ، ھېكايە ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.« ئەمدى بەسلەشمەيمەن» ناملىق ھېكايىسى 1991-يىلى شىنجاڭدىكى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . « تىنىمسىز يامغۇر » ناملىق ھېكايىسى 2002-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان .