كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 22

«تيەن نەن» ژۇرنىلىدا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2537
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 165
تۆھپە : 3
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 18:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماينىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر شەنبە كۈنى كەچتە، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچىلاريىغىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاكا-ھەدىلەرنى ئۇزۇتۇپ قويۇش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدۇق. تۇيۇقسىز تېلېفۇن كېلىپ قالدى، قارىسام بېيجىڭدىن كەلگەن ناتونۇش نومۇر ئىكەن. مەن دەرھال سىرتقا چىقىپ تېلېفۇننى قوبۇل قىلدىم. قارشى تەرەپ ئۆزىنى «تيەن نەن» ژۇرنىلىنىڭ خۇاڭ فامىلىلىك مۇھەررى دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ ژۇرنالنىڭ يېقىندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاتاپ مەخسۇس بىر سان چىقارماقچى بولغانلىقى، «غەرب» ژۇرنىلىنىڭ باشمۇھەررىرى شېن ۋېي ئۇنىڭغا مېنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئەسەرلىرىم بولسا ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن ماقۇل بولدۇم. سورۇندىن تارقىغاندىن كېيىن، توققۇز پارچە شېئىرىمنى رەتلەپ، شۇ كۈنى كەچتىلا ئۇنىڭغا يوللاپ بەردىم ۋە ئۇچۇر قىلىپ قويدۇم. ئەتىسى ئۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ئەسەرنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى،تەھرىرلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر قايتۇردى.

ئالاھەزەل بىرھەپتىلەردىن كېيىن خۇاڭ مۇھەررىر ماڭا ئېلخەت يوللاپ، مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى يوللاپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. مەن قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئەۋەتىپ بەردىم. ئۇ ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، تەرجىمىھالىمنى تېخىمۇ تەپسىلىيرەك يازغاندىن كېيىن قايتا يوللاپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم.

يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئېلخەت تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ يەتتە پارچە شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىشقا تاللانغانلىقى، ئەمما بەزى جايلىرىدا گرامماتىكا خاتالىقلىرىنىڭ بارلىقى، بەزى جۈملىلەرنىڭ ئانچە بەك راۋان بولماي قالغانلىقى، مۇمكىن بولسا مېنىڭ تەسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان جايلارنى ئۆزگەرتىپ قايتا يوللاپ بېرىشىمنى، ئۆزگەرتكەن جايلارغا بەلگە قويۇپ قۇيۇشۇمنى ئېيتىپتۇ. يەنە ئۆزىنىڭ گرامماتىكا خاتالىقىنى، بەزى جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئاپتۇر ئۆزگەرتىشنى خالىمىسا ئۆزىنىڭ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ. مەن شېئىرلىرىمنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، بەزى نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدىم ۋە ئۆزگەرتتىم ئاندىن ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئەسەرنى خۇاڭ مۇھەررىرگە يوللاپ بەردىم ۋە ئەگەر يەنە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا ئۇنىڭ ئۆزگەرتىشىگە بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم. ئۇ جاۋاپ قايتۇرۇپ، مېنى كۆپ ئاۋارە قىلىپ قويغانلىقىغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپتۇ.

يەنە بىر نەچچەكۈندىن كېيىن خۇاڭ مۇھەررىرنىڭ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىمنىڭ ئېنگلىزچە يېزىلىشى بىلەن تەمىنلىشىمنى ئېيتقان ئېلخېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە ھايال قىلماي ئىسمىمنىڭ ئېنگلىزچە يېزىلىشى بولغان MuhammedEmin Abliz نى خۇاڭ تەھرىرگە يوللاپ بەردىم.

بىر كۈنى دەرس ئوقۇۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز خۇاڭ مۇھەررىردىن تېلېفۇن كېلىپ قالدى. مەن تېلېفۇننى بېسىۋېتىپ، ھازىر دەرستە ئىكەنلىكىمنى، قانداق ئىش بولسا ئۇچۇر يوللىسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللدىم. خۇاڭ مۇھەررىر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئسىمىم چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەكلىكىنى دەپ كېلىپ MuhammedEmin دېگەن ئىسىمنىڭ ئوتتۇرسىدا بوشلۇق بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈشۈم كېرەكلىنى سوراپتۇ. مەن «بۇ ئىككى ئىسىمدىن تۈزۈلگەن بىر ئىسىم بولغاچقا، ئوتتۇرسىدا بوشلۇق يوق» دەپ جاۋاب ئۇچۇر قايتۇردۇم.

يەنە بىرەرھەپتىدىن كېيىنكى بىر كەچلىكى خۇاڭ مۇھەررىر تېلېفۇن قىلغان ئىكەن بىلمەي قاپتىمەن. ئۇنىڭ تېلېفۇن قىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال تېلېفۇن قايتۇردۇم. ئۇ «باشقا ئىشمۇ يوق، نيۇيوركتىكى مۇھەررىر ئىسمىڭنى كۆرگەندىن كېيىن، ھازىرئىسملارنىڭ ئوتتۇرسىدا چوڭ ھەرپ يېزىلمايدۇ،دېگەنىدى. مەن ئىسمىڭنىڭ Muhammed ۋە Emin دېگەن ئىككى ئىسىمدىن بېرىككەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما دىكى چوقۇم چوڭ يېزىلىشى كېرەكمۇ؟» دېدى. مەن مېنىڭ ئىسمىم ئىككى ئىسىمدىن بېرىككەن بولغاچقا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن نى چوڭ يازغانلىقىمنى، ئەگەر ھېلىقى مۇھەررىر چوڭ يېزىلمىسمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان بولسا، شۇنىڭ دېگىنىچە بولسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. خۇاڭ مۇھەررىر چوقۇم چوڭ يېزىشقا تىرىشىدىغانلىقى، مۇمكىن بولمىغاندا ئاندىن كىچىك يازىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مېنى ئاۋارە قىلىپ قويغانلىقى ھەققىدە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ كەتتى. مەن بۇنداق بولارىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، تەمتىرەپ قالدىم ۋە ئاران «ھېچقىسى يوق...» دېيەلىدىم.

تېلېفۇننى قويغاندىن كېيىن، مەن خۇاڭ مۇھەرردىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. ئۇنىڭ ماڭا ئېلخەت يوللىغان، تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىغا قارىسام، بەزىسى كېچە سائەت 12دىن ئاشقان ۋاقتلار ئىكەن؛ ئۇ ماڭا تېلېفۇن قىلغان، ئۇچۇر يوللىغان ۋاقتىدا شەنبە-يەكشەنبە، كەچ دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىدى. ھەرقېتىم ماڭا تېلېفۇن قىلغان، ئۇچۇر يوللىغان، ئېلخەت يوللىغان ۋاقىتلىرىدا مەندىن ئەھۋال سوراشنى، ئاۋارە قىلىپ قويغانلىقىغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. خۇاڭ مۇھەررىر مېنى تونۇمايتتى(لېكىن، تەرجىمىھالىمئارقىلىق مېنىڭ تېخى كىچىك ئېكەنلىكىمنى بىلدى)، مەنمۇ ئۇنى تونۇمايمەن. ئەمما، ئۇھەرقېتىم شۇنداق قىزغىن، سىپايە، قىلچە كىبىرى يوق، بەكلا كىچىكپېئىل ۋەكەمتەر، سەۋرچان، مېنى قىلچىمۇ كىچىك كۆرمىدى. يەنە ئۇنىڭ خىزمىتىگە بولغان ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ بىر «E» ھەرىپىنىڭ ئىشى بىلەن بىلەن مېنى قايتا-قايتا ئىزلىدى، مېنىڭ قارىشىمغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى، قىلچىمۇ تىرىكمىدى، زېرىكمىدى. ئەگەر ئۇ ئىسمىمنىڭ ئېنگلىزچە يېزىلىشى دەپ خەنسۇچە پېنيىن بويىچەMaimaitimin Abulizi دەپ يېزىپ قويغان بولسا، مەن ئەلۋەتتە ھېچنەرسە دېيەلمەيتتىم، ھېچنەرسە قىلالمايتتىم.

مەن ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان خەنسۇ يازغۇچى-شائىر، مۇھەررىر-تەھرىرلەر بىلەن ئۇچراشتىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ مۇھەررلىرى قاتارلىقلار بار. ئۇلار شۇنداق قىزغىن،چېقىشقاق، كىچىكپېئىل، قىلچىمۇ كېبىرى يوق ئىدى، مەن ئۇلار بىلەن ناھايتى تىزلا چىقىشىپ كەتكەن، قىلچە قورۇنۇش ھېس قىلمىغان ھەتتا بەزىلىرى بىلەن ئاكا-ئۇكا،ھەدە-ئىنىدەك يېقىن بولۇپ كەتكەنىدىم. ئۇلار مېنى يۇرتلىرىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشمنى تەكلىپ قىلىشقانىدى، يۇرتلىرىغا بېرىپ قالسام ئۇلارنى ئىزدىشىم كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تاپىلاپ كەتكەنىدى.

بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش يادىمغا يەتتى. ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىنجاڭدىكى مەلۇم بىرنوپۇزلۇق ژۇرنالنىڭ تەشكىللىشى ۋە ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ بېۋاستە ئۆمەك باشلىشى بىلەن 20 نەپەردەك يازغۇچى-شائىرلار نەنجىڭغا سەيلە-ساياھەت ۋە ئېكىسكۇرسىيەدە بولۇشقا كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شائىر بىلەن بۇرۇندىن تونۇشاتتۇق، ئۇماڭا تېلېفۇن قىلىپ نەنجىڭغا كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشىۋىلىشىمنى ئېيتتى. مەن نەنجىڭغا باردىم، ئۇ كۈنى نەنجىڭدا قار يىغىپ كەتتى. بۇ مېنىڭ نەنجىڭغا تۇنجى قېتىم بېرىشىم بولغاچقا، ئۇلار تۇرۇشلۇق جاينىڭ  ئېنىق ئادرېسىنى ئېيتىپ بەرگۈچە مەن مېترو بېكىتىدە ئىككى-ئۈچ سائەتتەك ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم، بىر ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ تاپالماي ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇلار ئادرېسنى ئېيىتپ بەرگەندىن كېيىن،ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ ئۇلارنى تېپىپ باردىم. ھېلىقى شائىر بىلەن كۆرۈشتۇم. ئۇ شائىرمېنى بەزى يازغۇچى-شائىرلارغا ۋە ژۇرنال مۇھەررىرلىرىگە تونۇشتۇردى. ئۇلار مېنىڭ قولۇمغا قول ئۇزاتقاندا، ماڭا گەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى كۆرۈپ، نەنجىڭغا كەلگىنىمگە پۇشايمان كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى، قىزغىنلىقىمدىن،ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم توزغاقتەك توزۇپ كەتتى....بۇ ۋاقتتا ئاللىبۇرۇن چۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، قار يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگەرگەن ئىدى. بىز بىللە تاماق يېيش ئۈچۈن ئاشخانا ئىزدەپ بىر نەچچە سائەت ئەتراپنى قىزىۋەتتۇق. ئەڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاشخانىسى تاپالماي، بىر كىچىككىنە خۇيزۇ ئاشپۇزۇلىدا ئاددىيلا تاماق يېدۇق. مەن قايتىپ كېتىش ئۈچۈن، نەنجىڭ ۋوگزالىغا قايتىپ كەلدىم. بەك ھېرىپ كەتكەچكە، كۈتۈش زالىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، خىياللارغا پېتىپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا قارىسام، مەن چىقماقچى بولغان پويىز كېتىپ بولغىلى بىرەر سائەتتەك بولۇپ قاپتۇ. ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى، مەكتىپىىم تۇرۇشلۇق شەھەر نەنجىڭ بىلەن يېقىن بولغاچقا، قەدەمدە بىر پويىزمېڭىپ تۇراتتى. مەن بېلىتىمنى ئۆزگەرتىپ، يەنە يېرىم سائەتلەردەك ساقلاپ، كەچ بولغاندا مەكتىپىمگە قايتىپ كەلدىم.

چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش بىز كىچىكىمىزدىن ئېلىپ كەلگەن ئۈگۈتلەرنىڭ بىرسى. باشقىلارغا قىزغىن، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش، كەمتەرلىك،ئەستايىدىللىق، مەغرۇرلانماسلىق، كۆرەڭلىمەسلىك كىشىلىك ئالاقىدىكى مۇھىم ئاساسلار، شۇنداقلا ئىشىلىرى يۈرۈشۈپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى شەرتلەردۇر.جۈملىدىن ئەدەبىياتمۇ شۇنداق. ھەربىر قەلەمكەش مىللەتنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ بىنانىڭ بىر تال خېشىنى تەشكىل قىلىدۇ.  ھەممەيلەن بىر-بىرىگە يۈكسەك بولۇش روھى بىلەن بىر-بىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەندىلا ئاندىن مىللىتىمىز ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ئۆزگىچە گۈللەربەس-بەستە ئېچىلىپ خۇشپۇراق چاچىدۇ؛ئېگىز ،چوڭ دەرەخلەر كېچىك مايسىلاردىن ئاپتاپ تالاشماسىلىقى كېرەك؛ كېچىك مايسىلارمۇ باراقسان ئۆسۈش ئۈچۈن ھەممە ئىمكانىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىشى زۆرۈر. ھەرقايسى ژۇرنالدىكى مۇھەررىر-تەھرىرلەر ئەدەبىياتنى پەرۋىش قىلغۇچى باغۋەن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك خىسىلىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى،ئەلۋەتتە.



mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1166
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 405
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.بۇلۇپمۇ ئاخىردىكى سۆز-جۇمىللەرنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.

سىنىڭ تىلىڭدا،ئىسىمىنى چاقىردىم ئاستا.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3035
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  ئۇكام !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 828
تۆھپە : 2
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەنجىڭغا بېرىپ پۇشايمان قىلغان ئىشلىرىڭنى تەپسىلى يازماپسەن ھە ئىنىم! بەلكىم كوڭلۈڭ ئاغرىغان يېرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانسەن!
داۋاملىق  يېزىپ تۇرغىن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1349
تۆھپە : 2
توردا: 279
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشىڭ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئىلگىرلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1181
تۆھپە : 0
توردا: 728
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 13:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بۇلسۇن ئىنىم!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2022
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 30
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 14:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم چېلەك سۇ بەكرەك شالاقشىيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 16:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانلار يۇلىدا بىسىلغان قەدەملىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

« يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە، سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ» بۇ ھەممىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىنى دائىم يادىمىزدا تۇتۇشىمىزنى ياراتقۇچى نىسىپ قىلغاي!

ئىنىم،يىڭى ماڭغانلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، يىتەكلەيدىغانلار ھامان ئەتراپىمىزدا بار، شۇنداقمۇ....
  يازمىڭىزدا دادىل ھالىدا قاراشلىرىڭىزنى ئۇتتۇرغا قويغانلىقىڭىزدىن سۈيۈندۈم.

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  519
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 212
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 16:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام ،مۇبارەك بولسۇن! كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ،ئالدىڭغا قاراپ ئىلگىرلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  613
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 602
تۆھپە : 0
توردا: 329
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 11:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

http://www.chutzpahmagazine.com.cn/CnNewDetails.aspx?id=348

مۇبارەك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ZULTAP تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 11:52  


5555.jpg

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 12:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە موبارەك بولسۇن،راست گەپ قىپسىز،بىزدە ئەستايىدىللىق كام،ئاپتۇرلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،بەزى ساپاسىز مۇھەرىرلەر ئەسەرلىرىمىزنىڭ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ تېخى!مۇھەرىرلەر ئاشۇ مۇھەرىردەك بولۇپ كەتسە يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى!....

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 3
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 12:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمىتىمىننىڭ بۇ ئاددى يازمىسىدا ئۇنىڭ سەمىمىي كۆڭلىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
باسقان قەدەملىرىڭىز پاكىز، خەيىرلىك بولغاي!

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 437
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 15:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!
ئاشۇ شېئىرلاردىن مۇنبەردە بەھىرلىنىش پۇرستى بولارمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  200
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 670
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 18:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭغا بەرىكەت تىلەيمەن ئىنىم، دادىللىقىڭدىن سۆيۈندۈم.

ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش